ئۆزبېكىستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشتى

2011-03-05 11:16:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئۆزبېكىستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشتى

      سىجىل داۋاملاشقان قۇرۇلۇش پەسلى ئۆزبېكىستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا نىسبەتەن ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېرىتىپ تۇتاشتۇرۇلغان تۆشۈكلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنىڭ باھاسى، جۈملىدىن بېرژا تاختاي باھاسى يۇقىرىلاپ، ھەر كۇب مېتىرىنىڭ باھاسى 48 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى. بۇ سانلىق مىقدار مەزكۇر قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنىڭ ئۆزبېكىستان تاۋار خام ئەشيا بېرژىسى بازارغا كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھېسابلىنىدۇ.
      ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاۋار خام ئەشيا بېرژىسىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدىن بۇيان بېرژا جەمئىي 60 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئېرىتىپ تۇتاشتۇرۇلغان تۆشۈكلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنى ساتقان. 4 - ئايدىن بۇيان بۇ خىل قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق تەمىنلىنىش مىقدارى ئىككى ھەسسە ئارتقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېھتىياج مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى خارەزم ئوبلاستى بولۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارىنىڭ %26 ىنى ئىگىلىدى. سۇرخان دەرياسى ئوبلاستى ۋە سامارقەند ئوبلاستى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %20 ۋە %15 ىنى ئىگىلىدى.
      بۇندىن باشقا، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سېمونتنىڭ باھاسى %65 ئۆرلەپ، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 589 مىڭ سۇملۇق سەۋىيەگە يەتتى. پاي چېكى تىجارەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، پەسىل ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، سېمونت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى يەنە بۇ خىل تاۋارنىڭ تەمىنلىنىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.