قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەگە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى

2011-03-05 11:15:10   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەگە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى

      قىرغىزىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئاردېبايېۋ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەھسۇلات مىقدارى دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىشقىمۇ يېتىدىكەن. نۆۋەتتە، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئاللىقاچان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىدى. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە 1.5- 1.0 مىليارد ۋات ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىغىنى 30 مىليون ۋات.