نۆۋەتتە، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۆزبېكىستانغا تاشكەنت شەھىرىنىڭ سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن 35 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى. مەزكۇر تۈرنى ئىككى يىل ئىچىدە تاماملاش پىلانغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 38 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، قالغان 3 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆزبېكىستان تەرەپ تەمىنلەيدۇ. ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى پۇل ئاجراتقان تۈر گاز قاچىلاش پونكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى تازىلاش، پومپا ئاساسىي تۇرۇبا يولىنى ياساش، كەسپىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆزبېكىستان 2003 - يىلى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزاسى بولغاندىن تارتىپ، تا بۈگۈنگە قەدەر مەزكۇر بانكا تەمىنلىگەن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇلغا ئېرىشتى.
ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى ئىسلام كېڭىشى (ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەت دەرىجىلىك رايون خاراكتېرىدىكى سىياسىي تەشكىلات قىسقارتىلىپ ئىسلام كېڭىشى دەپ ئاتىلىدۇ) تەشكىلاتى قۇرغان ھۆكۈمەتلەر ئارا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئورگىنى بولۇپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدۇر. بۇ ئاپپارات تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ.