ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئىمپورت قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرىغا قارىتا پارچە سېتىش مۆھلىتى بېكىتتى

2011-02-27 11:28:09   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئىمپورت قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرىغا قارىتا پارچە سېتىش مۆھلىتى بېكىتتى

     2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - -كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان بىر قاتار ئىمپورت قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرىغا قارىتا پارچە سېتىش مۆھلىتى بېكىتتى، يەنى ئىمپورت قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرى چوقۇم تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرگەندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە سېتىلىپ بولىشى كېرەك. يېڭى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ئىمپورت تاۋارلار تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، توك دەزمال، كارىۋات بۇيۇملىرى (يەككە ياكى بىر يۈرۈش)، پەردە تور توقۇلما بۇيۇملار، لۆڭگە، كىرلىك، ئۇزۇن كۆڭلەك، چاپان، تەنھەرىكەت كىيىملىرى ۋە ئىچ كىيىملەر، تىككۈچىلىك بۇيۇملىرى، ئۇزۇن ۋە قىسقا پايپاق ھەمدە خۇرۇم ئاياغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ، بىر يىلدىن كېيىن يەنە داۋاملىق تۈردە يۇقىرىقى بۇيۇملارنى ساتقانلار سودا پىرىنسىپى (ئىجازەتنامىسىز سېتىش) غا خىلاپلىق قىلغانلىق، دەپ قارىلىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئېگىلىنىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ئاھالىلەر مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بازار ۋە سودا سىستېمىسىدىكى نەق پۇل ئوبوروتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپىتى ناچار، ساختا، ئەتكەس تاۋارلارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەتكەن.