كۇۋەيت نامايىشتا ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

2011-02-22 11:55:11   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇۋەيت، 20 – فېۋرال تېلېگراممىسى. كۇۋەيت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20 – فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا 18 – فېۋرال ۋە 19 – فېۋرالدىكى نامايىشتا ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. باياناتتا: بىر قىسىم نامايىشچى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا يېنىك يارىلاندى، لېكىن نامايىشتا ئادەم ئۆلمىدى ياكى ئېغىر يارىلانمىدى، دېيىلدى.
    دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان مىڭغا يېقىن كۇۋەيتلىك 18 – فېۋرال ۋە 19 – فېۋرال كۇۋەيتنىڭ شىمالىدىكى جەھرائى رايونىدا ۋە غەربتىكى سۇلايبىيە رايونىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىگە كۇۋەيت دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئاساسىي ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان.