پىدائىيلارنىڭ شادلىقىمۇ چەكسىز
كىشىلىك ھاياتتا، ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ مەنىلىك ئىشلارنى ۋە كۈنلەرنى ئەسلەش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك. «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» قوشۇنىغا قوشۇلۇشمۇ ھەم شۇنداق ...
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سەنئەت رادىئوسى «شەھەر ئاۋازى »، «شادلىق مىنۇتلىرى» پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى، بىر ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئادەتتە كۆپرەك ئارىلىشىدىغان، ئۇچرىشىدىغانلىرىم كەڭ تىڭشىغۇچى ئامما بولىدۇ. بەزىدە خىزمىتىم تولىمۇ قول تۇتۇپ، بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن. بىراق، ئاڭلىتىش ئۆيىدە ئولتۇرغان چېغىمدا، كۆپلىگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پروگراممىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمدا، ھاياجاندىن خىزمەتكە كىرىشىپلا كېتەتتىم.
رىۋايەتلەردىكى «ھېسىياتچان ئادەملەر» تىپىدىن بولسام كېرەك، ئاڭلىتىش خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى كۆپلىگەن ئىشلار مېنى دائىملا ھاياجانغا سېلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئىشتىن يانغان چېغىمدا كىمدۇر بىرسىنىڭ ماڭا كۆيۈنگەن ھالدا ئېيتقان بىر – ئىككى ئېغىز سۆزى، ناتونۇش كىچىك بالىنىڭ يىپيېڭى بىر مو پۇلنى ئالدىراش ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان كوچىنىڭ بۇلۇڭىدا ئولتۇرغان تىلەمچىگە بەرگىنىنى كۆرگىنىمدە، يەنە ....
خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقتىمدا كۆپىنچە جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئامراقمەن. بىر قانچە دوستلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار بىر نامرات ئائىلىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنالىساق، ياردەم قىلغان پۇلىمىز كۆپ بولمىسىمۇ، خۇشاللىقتىن، كۆڭۈل ئازادىلىكىدىن سەلكىن شامالدەك يېنىكلەپ كېتىمىز. ياردەمنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى مەمنۇنىيەت كۈلكىسىنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىمدە بىر خىل ئىللىق سېزىم پەيدا بولىدۇ. مەن ھەمىشە مانا مۇشۇنداق ئاددىي، ئۇششاق ئىشلارغا ھاياجانلىنىپ، ھەممىلا كىشىنىڭ بىر كىشىلىك مېھىر – مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلىشى بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەللىشىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ياشايمەن.
بىر تاساددىپىي پۇرسەتتە، دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن توردا «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» -مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. كېيىن مەن توردا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى، مۇلازىمەت ئىدىيەسى، ئەترەت قۇرۇلمىسى، مۇلازىمەت دائىرىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم ھەم مەندە قانداقتۇر بىر خىل قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى. تۇيۇقسىز بىر «تەشكىل» تېپىۋالغان تۇيغۇ، ئورتاق پىكىر، ئورتاق ئىدىيە مېنى قالتىس ھاياجانلاندۇرۋەتتى. كېيىن دوستۇم ماڭا بۇ پائالىيەتنىڭ باشلامچىسى، سەپەرۋەرلىك قىلغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ئەپەندىنى تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇ ناھايىتى قىزغىن، كىشلەرگە ئالاھىدە مېھىر كۆرسىتىدىغان كىشى بولۇپ، ئەترەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇش خىيالىمنى ئېيتىشىمغىلا، ئۇ ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا ئەزا بولۇشۇمنى «تەستىق»لىۋەتتى. ئاشۇ دەقىقە دائىم دېگۈدەك ئەسلىمىلىرىم قاتارىدا چاقناپ تۇرىدۇ.
كېيىن مەن پىدائىيلار ئەترىتىگە ئەگىشىپ چەت سەھرادىكى ئۈچ مەكتەپكە بېرىپ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتناشتىم. بۇ جەرياندىكى ئاشۇ مەنىلىك كەچۈرمىشلەر ھاياتىمدىكى بىر ئۆمۈر بەھىرلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل «بايلىق» بولۇپ قالدى. مەن ھەرگىزمۇ پىدائىيلار ئەترىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازار لەنگەر كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە، پىچان ناھىيە پىچان يېزا كۆكيار باشلانغۇچ مەكتىپىگە، لوپنۇر ناھىيە قارچۇغا كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئۈچۈن بارغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ھەر قېتىم بىزنىڭ ئېلىپ بارىدىغىنىمىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت بولۇپ، بىز بارىدىغان جايلار بىر قەدەر چەت، يىراق سەھرالار بولغاچقا، يوللىرى ناچار ئىدى. يولدا بىز ھەمىشە بىر تەرەپتىن مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ قىزغىن پاراڭلارنى قىلىشىپ، يولنىڭ ئۇزاق ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى تۇيمايلا قالاتتۇق. يېزىلارنىڭ سەلكىن شامىلى، يارقىن ئاپتىپى تولىمۇ گۈزەل، ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ بولۇپ، بىزگە بىر مەھەل تەبىئەت قوينىغا قايتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلايتتى. ئاشۇ بەس – بەستە ئېچىلىپ كەتكەن پاختىلارنى، كىشىنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە رام قىلىدىغان ئۈزۈملەرنى، يەنە تېخى كىشىنى مەسىت قىلىدىغان خۇشپۇراق يالپۇزلارنى كۆرگەندە ھاياجاندىن تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولاتتىم. بۇنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى توغراق بىلەن يۇلغۇن ساناش بولدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، توغراق 300 يىلغىچە قۇرۇمايدىكەن، قۇرۇغاندىن كېيىن 300 يىلغىچە يىقىلمايدىكەن، يىقىلغاندىن كېيىن 300 يىلغىچە چىرىمەيدىكەن. بۇ نېمىدېگەن زور چىدام، زور غەيرەت ھە! يەنە تېخى كىشنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان يۇلغۇنلار چېكى يوق قۇملۇق، چۆللۈكلەردە ناچار شارائىتتا باتۇرلارچە كۆكلەپ، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مەن توغراقنىڭ چېداملىقلىقى ۋە يۇلغۇننىڭ جاسارىتىنى يەرلىك دېھقانلارغا ئوخشاتتىم. ئاشۇ جاپاكەش دېھقانلار مانا مۇشۇنداق ناچار جاپالىق مۇھىتتا تىز پۈكمەي، مەڭگۈ قۇياش كەبى ئۈمىداۋار ياشاپ كەلمەكتە. سەھرادىكى بۇ قېرىنداشلار ساددا ۋە قىزغىن بولۇپ، جاپالىق تۇرمۇش سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ چىرايىغا خېلى بۇرۇنلا چوڭقۇر قورۇقلار ئىز سالغان، قوللىرى قاداققا تولغانىدى. بىراق ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە ئەڭ سەمىمىي ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مېھىر – مۇھەببەت سىڭىپ كەتكەن. مەن بىلىدىغان شەھەرلىكلەر ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن كىشىلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر باياشات، گۈللەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇلارنى سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئېرىشكەنلىرى ھەرگىزمۇ بىزنىڭكىدىن كەم ئەمەس. ئۇلاردىكى ئاشۇ ساددا ئاقكۆڭۈللۈك، ئاشۇ تەبئىيلىكنى بىزنىڭ شەھەردە ئۇزاق ياشىغان كىشىلەر ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.
ھەر قېتىم پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە بارغان چېغىمىزدا، مېنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇراتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق يېزا لەنگەر كەنتىدىكى چېغىمىزدا، ئۆگزىگە بېكىتىپ قويغان، خۇددى پورەكلەپ تۇرغان گۈلنى ئەسلىتىدىغان ئاۋاز ياڭراتقۇ مېنى ئۆزىگە تارتتى. شۇ پەيتتە ياڭراتقۇدىن «كەنتتىكى يولداشلار دىققەت، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يامغۇر يېغىشى مۇمكىن، كۆپچىلىك تېزرەك ھەرىكەتلىنىپ پاختىلارنى تېرىۋالايلى. يامغۇردا قالمىسۇن ...» ئۇ ئاۋاز بىر خىل تورى بار، كۈچلۈك بولۇپ، بىزنىڭ ئاڭلىتىش ئۆيىمىزدىن تارقىغان ئاۋازغا ئوخشىمايتى. مەن بۇ ياڭراتقۇنى ئاڭلىتىۋاتقان «ئاڭلىتىش ئۆيى» كىرگىنىمدە تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. كىچىككىنە مىكروفون ئۈستەلگە قويۇلغان بولۇپ، يېنىدا بىر كىچىك قۇتا تۇراتتى. پەمىمچە بۇ باش ئاپپارات ئىدى. ئارىدىن يەنە يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە، ئۇ كەنتنىڭ كىچىك ئەترەت باشلىقى كىرىپ، بايىقى يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن پاختا تېرىۋىلىش ھەققىدىكى خەۋەرنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ مىكروفون ئالدىدىكى رەسمىي ئۆلچەملىك دىكتورلاردەك قىياپىتى مېنى تولىمۇ ھاياجانغان سالدى. كىچىك ئەترەت باشلىقى خەۋەرنى ئاڭلىتىپ بولۇپلا «ئاڭلىتىش ئۆيى»دىن ئايرىلدى. كىچىككىنە كونىراق كەلگەن مىكروفونغا قاراپ مەندە ئاڭلىتىش بېرىش ئىشتىياقى پەيدا بولدى. مىكروفوننى ئېلىپ، كىچىك ئەترەت باشلىقىنى دوراپ ۋارقىراشقا باشلىدىم : «كەنتتىكى يولداشلار، يىغىلايلى، پاختا تېرىمىز، بەزىلەر گەپ ئاڭلمايۋاتىدۇ، بۇ بولمىدى. نېمىشقا ۋاقتىدا كەلمەيسىلەر. ئازراق تەشكىل قارىشىمۇ يوقمۇ؟! ...». بۇ ۋاقىتتا گۇرۇپپا باشلىقىم جىددىيلەشكەن ھالدا
چاقچىقىڭىز ئېغىر بولۇپ كەتتى. قالايمىقان ۋارقىرىماڭ. كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىيالايدىغان تۇرسا ...» - دېدى.
ئاكا، خاتىرجەم بولسىلا، مەن مىكروفوننى ئاچمىغان – دېدىم قاقاقلاپ كۈلۈپ.
ئۇ شۇندىلا بىر «ئۇھ» تارتتى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ياڭراتقۇدا «شەرق قىزاردى» دېگەن ناخشا ئاڭلىتىلدى. 80-يىللىرى تۇغۇلغان ماڭا نىسبەتەن بۇ ناخشىغا مەندە تازا قىزىقىش يوق ئىدى. بىراق گورۇپپا باشلىقى بىلەن ليۇ مۇئەللىم قەۋەتلا جانلىنىپ كېتىشتى. بەلكىم بۇ ناخشا ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن «قىزىل دەۋر» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ؟! كېيىن بۇنى ئاڭلىغان بىرەيلەن ماڭا بۇنىڭ كەنت ئاڭلىتىش پونكىتىدىن ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خۇددى بىزنىڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش، ئۇلار كۆپچىلىككە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە ئىشلىتەتتى. مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۆزىنىڭ ياڭراتقۇسىدا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان يەردە مەن نېمىشقا قولۇمدىكى مىكروفوندىن (رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ) پايدىلىنىپ ئاممىغا پايدىلىق ئىشلارنى تەشۋىق قىلمايمەن، دېگەن ئويدا ھاياجانلاندىم ۋە گورۇپپا باشلىقىغا ئويۇمنى ئېيتتىم. ئۇ مېنى ناھايىتى قىزغىن قوللىدى ۋە ئىلھام بەردى. ئۇ ماڭا :
سىز دېگەن بىزنىڭ پىدائىيلار ئەترىتىمىزدىكى مۇتەخەسىس دەرىجىلىك پىدائىي. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ، يېزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرس سۆزلەڭ. چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىڭىز. سىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازىڭىز ئۇلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلالايدۇ. سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن بۇ يېزا بالىلىرى، مۇئەللىم ۋە دېھقان قېرىنداشلار ئاممىغا پايدىلىق ئىشلارنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يېتىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ...
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەندىم ۋە ئويغاندىم.
كېينچە كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى «مېھىر – مۇھەببەت يولىدىكى پىدائىي» ناملىق مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. مەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان «شەھەر ئاۋازى» نەق مەيدان پروگراممىسىدا، بىزنىڭ پىدائىيلار ئەترىتىمىزدىن ئۈچ كىشىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، كەڭ ئاڭلىغۇچىلارغا پىدائىيلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى جەريانىدىكى كىشنى ھاياجانغا سالىدىغان قىممەتلىك كەچۈرمىش – ھېكايىلەرنى ئاڭلاتتىم. پروگرامما ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. كۆپلىگەن ئاڭلىغۇچى دوستلار ماڭا تېلېفون قىلدى ياكى خەت يازدى. ئادىلە ئازات دەل شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ مەن رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگرامما ئارقىلىق بۇ پىدائىيلار گۇرۇپپىمىزنى چۈشەندى. مېنىڭ تونۇشتۇرۇپ قويۇشۇم بىلەن، بىزنىڭ پىدائىيلار سىپىمىزگە قوشۇلدى. مۇشۇ 10-ئايدا ئۇ پىچان ناھىيە پىچان يېزا كۆكيار باشلانغۇچ مەكتىپىگە 500 يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئىئانە قىلدى. ئادىلە ئازاتقا ئوخشاش مۇنداق مېھىر – مۇھەببەتلىك كىشىلەر، كارخانىلار بەكمۇ كۆپ. بىزنىڭ ئۇلاردىن ئېرىشكەنلىرمىزمۇ تولىمۇ مول، تولىمۇ نۇرغۇن.
مەن پىدائىيلار ئەترىتىدە، باشلىقىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دائىم يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا دەرس سۆزلىدىم. دەرسنىڭ مەزمۇنى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى تەسىرلىك شەخس، تەسىرلىك ئىشلار، ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشلىرى بولۇپ، ئۇلارنى پروگراممامنىڭ ئاڭلىتىشلىرىغا نىسبەتەن يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدىم. مۇشۇنداق يېقىندىن ئۇچرىشىش ئارقىلىق، ئارىمىزدىكى ھېسىياتنى تۇتاشتۇردۇم، ئۇلارنىڭ نەزەرىنى كېڭەيتتىم. ئۇلارنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىدىن، روياپقا چىقارغان ئىشلىرىمىز مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ئۇلارغا خۇشاللىق بېغىشلىيالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
ھەر قېتىم پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە چىققىنىمدا ۋاقىتنىڭ تولىمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. تەكشۈرۈش، ئىئانە قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش بىزنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىمىز. ھەر قېتىم پىدائىيلىق مۇلازىمىتىمىز ئاخىرلاشقاندا، يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە بالىلارنىڭ ئۈنسىز دىققەتتىكى كۆزلىرىگە، ئۈمىدكە تولغان چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمايتتى. شۇنداقلا يەنە زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلاتتۇق. بىزنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن كىچىككىنە ئىئانىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ئىللىقلىق، ئالغا ئىلگىرلەشكە كۈچ، مەدەت ئاتا قىلاتتى. بۇ يەردە ئېرىشكىنىمىز يەنىمۇ چوڭقۇر ھاياجان. بۇ ھاياجان بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ۋە قوللىشىمىزغا مۇھتاج بولغان بالىلاردىن، بىزنى قوللىغان ۋە ياردەم قىلغان كىشىلەردىن، ئەتراپىمىزدىكى مېھىر – مۇھەببەتلىك سەپداشلىرىمىزدىن كەلدى.
بۇنىڭدىن كېيىن پۇرسەت بولسىلا، پىدائىيلار پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق بىر گۇرۇپپا ئىچىدە، مۇشۇنداق ھەم ئالدىراش ھەم مەنىلىك تۇرمۇش ئىچىدە، مۇشۇنداق رەت – رەت تەسىراتلار ئىچىدە ھاياتىمنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك، ناھايىتى مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
دوستۇم، قېنى مېھىر – مۇھەببەتلىك قەلبىڭىزنى ئېلىپ ئاتلىنىڭ. سىزمۇ ئاشۇ ئاجايىپ ھېسلار، ھاياجانلار ئىچىدە پىدائىي بولۇپ، شادلىق دېڭىزىغا چۆمۈلگەيسىز.
يېزا رادىئو ئۇزىلى
بىزنىڭ ئاڭلىتىش ئۈيىمىز
مەن ۋە باشقا پىدائىيلار
پىدائىيلار مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن مەكتەپ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپى
پىدائىيلار بالىلارغا كومپىيوتىر ئۈگەتمەكتە
ئاپتورى: زۆھرە كېرەم
يالقۇن ئوسمان، چېن فېڭ فوتوسى
ئابدۇرىشىت مۇھەممەت تەرجىمىسى