لىتىپ شېرىپ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ساغلاملىق چولپىنى»شەرپىىگە ئېرىشتى

2011-01-06 13:59:39   باس - باس تورى   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى
   يېقىندا باي ناھىيە ئومباش يېزا چۇمۇكا كەنت 2-كورپۇستىدىكى 115 ياشلىق دېھقان لىتىپ شېرىپ مەملىكەت بويىچە«ئۇزۇن ئۆمۈركۆرۈش ساغلاملىق چولپىنى»شەرپىگە ئېرىشىپ،مەملىكەت ياشانغانلار جەمىئىتىنىڭ «ئۇزۇن ئۆمۈركۆرۈش ساغلاملىق چولپىنى» گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.باي ناھىيەلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومۇتېتىنىڭ مۇدىرى غۇلام بارات مۇنداق دېدى   نۆۋەتتە،باي ناھىيەسىدە 100ياشتىن ئاشقان ئۇزۇن ئۆمۈركۆرۈش چولپىنىدىن 22سى بار.لىتىپ شېرىپ 1895-يىل 2ئاينىڭ 10- كۈنى باي ناھىيەسىنىڭ ئومباش يېزا چۇمۇكا كەنتىدە تۇغۇلغان ئۇبىر ئۆمۈر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.10بالىلىق.16نەۋىرلىك،14ئەۋىرلىك بولغان.ئۇھازىر 47ياشلىق كىچىك ئوغلى ناسىر لىتىپ بىلەن بىللە تۇردۇ،دېدى.لىتىپ شېرىپ مۇنداق دېدى ھازىر مېنىڭ سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى،تاماق تاللىمايمەن پولۇ يىيىشنى ياخشى كۆرىمەن خوشال يۈرۈشنى،قۇربىم يەتكەن ئىشلارنى قىلىشنى خالايمەن.ھازىر ھۆكۈمەت ھەرئايدا 100يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىۋاتىدۇ،ھېيت-بايراملاردا ھال سوراپ تۇرۋاتىدۇ.