رۇسىيەنىڭ كرېمنېي جىلغىسى قۇرۇلۇشى قانۇن چىقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ يېقىندا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىغا »سكالكو يېڭى ئىقتىسادىي مەركەز قانۇنى لايىھەسى« نى سۇندى، رۇسىيەنىڭ كرېمنېي جىلغىسى - سكالكو قۇرۇلۇشى قانۇن چىقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
سكالكو موسكۋا ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، 2007 - يىلىلا بۇ جاينى تەرەققىي قىلدۇرۇپ رۇسىيەنىڭ كرېمنېي جىلغىسىغا ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى، ئەمما بۇ تۈر تا ھازىرغا قەدەر رەسمىي بېكىتىلمىگەنىدى. ئەينى چاغدا سكالكودا قۇرۇلغان موسكۋا سودا سانائەتنى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ھازىر ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتقا ئايلاندى.
»رۇسىيە ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش« ئىشقا ئاشۇرۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سكالكو قۇرۇلۇشىنىڭ قايتىدىن يىغىن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈشىدىكى سەۋەب، تومسك، نوۋوسىبىرىسك، ساينت پېتېربۇرگ، ئوبنىنسكى، دۇبنا ۋە زىلونا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سكالكو رۇسىيەنىڭ كرېمنېي جىلغىسى قۇرۇلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن.
قانۇن لايىھەسىدە كرېمنېي جىلغىسى قۇرۇلۇشى مەزگىلىدىكى باجدا ئېتىبار بېرىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ لايىھەنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، مۇئەييەن باسقۇچتا مەزكۇر رايوندىكى كارخانىلارنىڭ پايدا بېجى، مال - مۈلۈك بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. قانۇن لايىھەسىدە يەنە كارخانىلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە سۇغۇرتا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ %14 (بۇ باج نىسبىتى %34) كە چۈشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇندىن باشقا، كرېمنېي جىلغىسىدىكى باشقۇرۇش شىركەتلىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك يەر بېجى ۋە ئۆي - زېمىن خۇجىلىقى ھەققىمۇ زور نىسبەتتە كېمەيتىلىدىكەن.