قىرغىزىستان شېكەردىن نۆل نىسبەتلىك ئىمپورت تاموژنا بېجى ئېلىشنى پىلانلىدى

2011-01-03 11:41:36   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قىرغىزىستان شېكەردىن نۆل نىسبەتلىك ئىمپورت تاموژنا بېجى ئېلىشنى پىلانلىدى

      قىرغىزىستان ئىقتىساد باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ »دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى نىسبىتىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى« نىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى. مەزكۇر قارار بويىچە ئاق شېكەردىن نۆل نىسبەتلىك ئىمپورت تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ. بۇ تەدبىر قىرغىزىستان دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى شېكەر باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈپ كېتىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەرداشلىق بېرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، شېكەر بازىرىدىكى رىقابەتكە شارائىت يارىتىلىپ بېرىلدى.
      ئىقتىساد باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشى 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يالتادا چىقارغان قارارىغا ئاساسەن، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر «مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى بېكىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. بۇ قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمگە بەزى ساقلاپ قېلىنىدىغان شەرتلەرنى قوشۇمچە قىلدى. قىرغىزىستاننىڭ قوشۇمچە شەرتى تۆۋەندىكىچە: قىرغىزىستان يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېلىشىمنىڭ قوشۇمچە 1 - نۇسخىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شېكەرنىڭ تولۇق پىششىقلاپ ئىشلىنىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا، قومۇش شېكىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بېكىتىلىدۇ. مەسىلەن: قىرغىزىستان ئۇكرائىنادىن برازىلىيەنىڭ خام ماتېرىيالىنى ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقارغان شېكەرنى ئىمپورت قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، بۇ شېكەر برازىلىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى شېكەردىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ۋە ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمدە بېكىتىلگەن نۆل نىسبەتلىك تاموژنا بېجى ئېلىنماستىن، بەلكى %30- %20 تاموژنا بېجى (قىرغىزىستاندا ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان تاموژنا بېجىغا ئاساسەن) ئېلىنىدۇ.