جۇڭگو - قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە يېڭى بەت ئېچىلدى

2011-01-03 11:36:14   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

جۇڭگو - قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە يېڭى بەت ئېچىلدى

      جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جوۋلى يېقىندا جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلەپ: «رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى بەت ئېچىپ بەردى»، دېدى.
      جوۋلى مۇنداق دېدى: بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئۇدا ساغلام تەرەققىي قىلىشتەك ئەۋزەللىكنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، ئەۋزەل خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە شەخسىي دوستلۇقنى ئورناتتى ھەم ساقلاپ كەلدى. رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق قازاقىستانغا قىلغان زىيارىتى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىن كېيىنلا قىلغان يەنە بىر قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىشى ۋە رۇسىيەنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە، رەئىس خۇ جىنتاۋ زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دائىم دېگۈدەك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، رايون ۋەزىيىتى شۇنداقلا باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
      شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت سىياسىتىدە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. ئىككى تەرەپ »جۇڭگو - قازاقىستان قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى« گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى - يېڭى مەزمونلار بىلەن بېيىتتى، قارشى تەرەپنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىدى. تەيۋەن، شىزاڭ مەسىلىلىرىدە قازاقىستان تەرەپ ئۇزاق مەزگىل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى قوللىدى. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىتى ئىسلاھاتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، بۇنى قازاقىستاننىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل، دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدىكى ھەر قانداق پائالىيەتكە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان، »ئۈچ خىل كۈچ« لەرگە زەربە بېرىش ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەت، زەھەر يۆتكەش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ.
      ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تولۇقلىمىچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2008 - يىلى جۇڭگو - قازاقىستان سودا سوممىسى 17 مىليارد 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 2009 - يىلى يەر شارىلاشقان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى تۆۋەنلىدى، ئەمما بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە كۈچلۈك ئۆسۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت ھالقىغان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى - جۇڭگو - قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى 2006 - يىلى 7 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى، ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ۋە جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدىكى بۆلىكىدىمۇ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدا كەينى - كەينىدىن قۇرۇلۇش تاماملاندى. جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىدىكى  نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇچۇر، قاتناش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق غەيرىي بايلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىمۇ پائال قانات يايدۇرۇلماقتا. 2007 - يىلى ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. نۆۋەتتە، مەزكۇر پىلان ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، مايناق سۇ ئېلىكتر ئىستانسىسى، باپلۇدار ئاليۇمىن ئېلېكترولىزلاش زاۋۇتى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تۈرلەر پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە ھەمدە قۇرۇلۇش ئىشلىرى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
      جوۋلى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى دائىملىق ئەھۋالغا ئايلاندى. 2006 - يىلى، 2007 - يىلى جۇڭگو - قازاقىستان ئۆزئارا مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو شىنجاڭ، چۇڭچىڭ، گۇيجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرى ئالدى - كەينى بولۇپ قازاقىستانغا كېلىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياشىن مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك رامكىدا زور ئۈنۈمگە ئىگە ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇردى. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئۆزئارا ماسلىشىپ، رايون شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.