قازاقىستان تائاملىرىنى «تېتىپ» بېقىڭ

2011-01-03 11:33:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقىستان تائاملىرىنى «تېتىپ» بېقىڭ

      بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا قازاقىستاندىكى ھەربىر ئاھالە ھەر يىلى سىرتتا تاماق يېيىش ئۈچۈن 81 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىدىكەن، بۇ ئۇكرائىنالىق ۋە ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندا نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە تۆۋەن ئىكەن. ئېنىقكى، ھەر بىر قازاقىستانلىقنى يىلدا ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم سىرتلاردا تاماق يەيدۇ، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ھەميانلىرى پۇلغا تولغان، سىرتتا تاماق يەپ ئادەتلەنگەن كىشىلەرنى ئاشپۇزۇللاردا ھەر دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
      گەرچە 2008 - يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندا يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال سۈرئىتى روشەن ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەيلى قازاقىستانلىقلار بولسۇن ياكى باشقا چەت ئەللىكلەر بولسۇن ھەممىسىلا ئاستانە شەھىرىدە ياكى ئاستانە ئەتراپىدىكى رايونلاردا يېڭى ئاشخانىلارنى ئېچىشنى پىلانلىماقتا. قازاقىستاندىكى »يېمەك - ئىچمەك مەركىزى« بولغان ئالمۇتا شەھىرىدە يېمەك - ئىچمەك بازارلىرى شەھەر مەركىزىدىن شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلارغا كېڭەيمەكتە.
      يېمەك - ئىچمەك كەسپى بارغانچە جانلانماقتا
      مەيلى ئاشخانا سانى جەھەتتە بولسۇن ياكى مۇلازىمەت جەھەتتە بولسۇن ئالمۇتا قازاقىستان بويىچە يەنىلا يېمەك - ئىچمەك كەسپى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالمۇتا دۆلەت پايتەختى بولغان مەزگىللەردىلا تەرەققىي قىلغان جامائەت يېمەك - ئىچمەك كەسپى ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاساسىي ئەسلىھەلەر، ئۈسكۈنىلەر ۋە كەسپى ئىقتىدارغا ئىگە بولغان باشقۇرۇش خادىملىرى بايلىقىغا ئىگە ئىدى.
      تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، ئالمۇتادا 354 ئاشخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 356 1 جامائەت يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت كارخانىسى بار. ئاستانەگە كەلسەك، بۇ شەھەرنىڭ نۇرغۇنلىغان سودا مۇلازىمەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە جامائەت يېمەك - ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى 2006 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بولغان ئىستېمال ساھەسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان مەزگىللەردە بارلىققا كەلگەن. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاستانە شەھىرىنىڭ نوپۇس سانى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ نوپۇس سانىغا قارىغاندا يېرىم ھەسسە ئاز (ئاستانەدە 600 مىڭ ئادەم، ئالمۇتادا بىر مىليون 300 مىڭ ئادەم بار)، جامائەت يېمەك - ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ سانىمۇ ئالمۇتانىڭدىكىگە قارىغاندا ئاز بولۇپ، ئاران 637 سى بار.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نېفىت قازمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاقتاۋ ۋە ئاتراۋ شەھەرلىرىدە پۇلدارلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەرنىڭ مۇلازىمەت كەسپىمۇ كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. لېكىن، بۇ ئىككى شەھەردىكى ئاشخانا سانى ياكى سۈپىتى جەھەتتە بولسۇن يەنىلا ئاستانە ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئاتراۋ شەھىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بازىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭكىدىن 7 - 6 يىل، ئاستانە شەھىرىنىڭكىدىن ئاز دېگەندىمۇ 5 - 4 يىل كەينىدە. لېكىن، ئاقتاۋ شەھىرى بىلەن ئاتراۋ شەھىرىدە چەت ئەللىكلەر كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ چۈشلۈك يۈرۈشلۈك تاماقلىرىنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك، ئاشخانا ۋە ئائىلىلەرگە تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى يېمەك - ئىچمەك بازىرىدىكى ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
      زەنجىرسىمان تىجارەت بىر ئېقىم ھېسابلىنىدۇ
       سالغان مەبلەغنىڭ قايتىشى تېز بولۇش، يېمەك - ئىچمەك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستاندىكى كەسىپ ئەھلىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا: قازاقىستاندا يېمەك - ئىچمەك كەسپىگە مەبلەغ سالغاندا ئىككى يىل ياكى ئىككى يېرىم يىلدىلا سالغان مەبلەغنى قايتۇرىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى: بىر يىلدىلا قايتۇرىۋالغى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
      قازاقىستاندىكى ئاشخانىلارنىڭ تەننەرخى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۋادرات مېتىرغا 500 1 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ، بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش.
      تەننەرخ جەھەتتىكى سەرپىياتنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى قازاقىستاندىكى سودىگەرلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. ئاستانەدىكى بىر ئاشخانا خـوجايىنى مۇنداق دېدى: ئاستانەدە گەرچە يېڭى ئاشخانىلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن، يېمەك - ئىچمەك كەسپى بازارلىرى يەنىلا تويۇنغىنى يوق. ئاستانەدە ئوننەچچە پىۋاخانە بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەھەتتىكى ئاشخانىلارغا كىشىلەر يەنىلا ئېھتىياجلىق. بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردىكى يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدە رىقابەت مەۋجۇت، لېكىن بۇ رىقابەتنى كەسكىن، دېگىلى بولمايدۇ.
      ئالمۇتانى ۋەكىل قىلغان قازاقىستان يېمەك - ئىچمەك بازىرىدا تۇنجى زەنجىرسىمان كارخانا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ شەكىل يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلىشىدىكى تىجارەت شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئون يىلدىن بۇيان، ئالمۇتانىڭ زەنجىرسىمان يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلدى. رۇسىيە بىلەن قازاقىستان شېرىكلىشىپ قۇرغان ئالمۇتا ئۇچۇر شىركىتى ۋە قازاقىستاننىڭ »داستىخان« قاتارلىق شىركەتلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ زەنجىرسىمان كارخانىلار ئالمۇتادا مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە قاراغاندا ۋە ئۇست - كامېنوگورسك قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئاشخانىلارنى ئاچتى.
      ئاستانەنىڭ يېمەك - ئىچمەك بازىرى ئالمۇتادىكى نۇرغۇنلىغان يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ باشقا شەھەرلەرگە كىرىشىدىكى »ئىستېھكام« بولۇپ تۇرماقتا. بىر شىركەتنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئەڭ زور ئۇتۇق قازانغان شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاتراۋ ۋە ئاستانە شەھەرلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بازارلىرىغا غەلىبىلىك ھالدا بۆسۈپ كىردى. لېكىن زەنجىرسىمان تىجارەتكە زور مىقداردا مەبلەغ كېتىدىغان بولغاچقا، بىز باشقا شەھەرلەرگە كىرىشنى ھازىرچە ئويلاشمىدۇق.
      مۇلازىمەت سۈپىتى دەگەندەك ئەمەس
      سىپايە لېكىن سەمىمىيلىكى يېتەرسىز، بۇ مېھمانلارنىڭ ئالمۇتا ۋە ئاستانەدىكى نۇرغۇنلىغان ئاشخانىلاردىكى مۇلازىملارغا بەرگەن باھاسى. ئاتراۋدا بولسا ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىرى خېرىدارلارغا نىسبەتەن سەمىمىي بولمايلا قالماي، يەنە كۈندىلىك مۇلازىمەت تەرتىپلىرىگىمۇ ئانچە رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ. خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئالمۇتا ۋە ئاتراۋ شەھەرلىرىگە ھەر دائىم بېرىپ تۇرىدىغان بىر خېرىدار شۇ يەرلىك ئاشخانا مۇلازىمىتىنى باھالاپ مۇنداق دېدى: ئاشخانىلاردا خېرىدارلار كۆپ ۋاقىتلاردا مۇلازىمەت جەھەتتە يېتىشىپ بۇلالماسلىقنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ يەرلەردە خېرىدارلار ئاز ۋاقىتلاردىمۇ مۇلازىمەت ئوخشاشلا يېتىشىپ بولالمايدۇ. مۇلازىملار خېرىدارلار ئاشخانىلارغا كىرگەندىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە كارى بولمايدۇ، خېرىدارلار ئاشخانىغا كىرىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئاندىن تاماق بۇيرۇتالايدۇ.
      ئاشخانا مۇلازىملىرىنىڭ خېرىدارلارغا مۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىشى ئاساسەن ئاشخانىلار خېرىدارلارنىڭ ئىستېمال سوممىسىنىڭ ئاران %10 ىنى مۇلازىملارغا بىر قېتىملىق ھەق قىلىپ بېرىدىغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. قازاقىستاندىن باشقا دۆلەتلەردە مۇلازىملارغا خېرىدارلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە چاي پۇلى ئورنىدا ھەق بېرىلىدۇ. قازاقىستان بازارلىرىغا كىرىشنى پىلانلاۋاتقان رۇسىيەلىك يېمەك - ئىچمەك كەسپى تىجارەتچىلىرى مۇنداق دەيدۇ: رۇسىيەدە ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇلازىمەت ھەققى ھېسابات تالونىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، بۇنداق قىلغاندا مۇلازىملار، ئاشپەز ۋە باشقا باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىغىلى بولمايدۇ.
      ئاستانەدىكى بىر رېستۇراننىڭ خوجايىنى مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاساسەن باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ داۋاملىق يۆتكىلىپ تۇرۇشى، مۇلازىملارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن )ياۋروپا ئەللىرىدە ئاشخانا مۇلازىملىرىنى ئادەتتە ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەربىيەلەپ تۇرىدۇ( مۇناسىۋەتلىك، ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا قازاقىستاندىكى نۇرغۇنلىغان رېستۇرانلارنىڭ مۇلازىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بۇ خىزمەت ئۇلار ئۈچۈن پەقەت ۋاقىتلىق خىزمەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا مۇلازىملارنى تەربىيەلىگەن تەقدىردىمۇ ھەر دائىم يۆتكىلىپ كېتىش ئېھتىمالى چوڭ.
      مەسىلە پەقەت مۇلازىملاردىلا ئەمەس، ئاشپەزلەردىمۇ مەسىلە مەۋجۇت. ھازىر قازاقىستاندا يېڭى رېستۇرانلار قانچە كۆپ ئېچىلغانسېرى ئاشپەزلەر شۇنچە كەمچىل بولماقتا، ئۇلار رېستۇرانلار ئارا كۆچمە «ھەرىكەت» قىلىدۇ. شۇڭا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قازاقىستاندىكى چوڭ رېستۇرانلار چەت ئەللىك ئاشپەزلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولدى. قازاقىستان ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: چەت ئەللەردىن ئاشپەز تەكلىپ قىلىش مودىمۇ ئەمەس، بىر خىل تەرەققىيات يۈزلىنىشىمۇ ئەمەس، بەلكى پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى ئاشپەز يېتىشمەك ئەھۋالىنى تولۇقلاشتىنلا ئىبارەت، خالاس. بىراق بۇ چەت ئەللىك ئەشپەزلەر قازاقىستاننىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىگە كۆنەلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇش يەنىلا بىر مەسىلە بولماقتا.


      قازاقىستاننىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرىدە يەرلىك ئالاھىدىلىك كەمچىل
      بىر تەكشۈرۈش شىركىتى قازاقىستاننىڭ يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈپ مۇنداق خۇلاسە چىقاردى: قازاقىستاندىكى نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلار گۆش يېمەكلىكلىرىنى ياقتۇرىدۇ، بېلىق يېمەكلىكلىرىنى بولسا ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، چاي ئىچىدىغانلار قەخۋە ئىچىدىغانلاردىن كۆپ، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا تۆۋەن، لېكىن گەرچە مۇشۇنداق ئىستېمال ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇنلىغان زەنجىرسىمان يېمەك - ئىچمەك تىجارەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قورۇما تىزىملىكىنى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.
      ئاستانەدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى مۇنداق دېدى: تائاملىرىمىزدا قانداقمۇ قازاقىستاننىڭ ئالاھىدىلىكى بولسۇن؟ رېستۇرانىمىزدا باشقا دۆلەتلەردىكى زەنجىرسىمان رېستۇرانلىرىمىزغا ئوخشاش بارلىق يېمەك - ئىچمەكلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تېخنىكا ۋە ئۆلچەم بىلەن چىقىرىلىدۇ، بۇنى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ماسلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر قازاقىستاندىكى ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلەر بۇ جەھەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقچى بولسا، چوقۇم ئامېرىكىدىكى باش ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.
      گەرچە قازاقىستاننىڭ يېمەك - ئىچمەك بازارلىرىدا ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى رېستۇرانلار بولسىمۇ، لېكىن يېمەك - ئىچمەك كەسپى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئالمۇتا ۋە ئاستانە شەھەرلىرىدە ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى يېمەك - ئىچمەك ۋە ياۋروپاچە يېمەك - ئىچمەكلەر يەنىلا زور مىقدارنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى قازاقىستانلىقلار تېتىپ بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈندە بېرىپ ئىستېمال قىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ ياۋروپاچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتراۋ شەھىرىدە بولسا ئىتالىيەچە يېمەكلىكلەر ئەڭ قارشى ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئاتراۋ شەھىرىدىكى نېفىت ساھەسىدە ئىتالىيەلىكلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.
      پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يېمەك - ئىچمەك كەسپىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى
      دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى قازاقىستاننىڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپىگە ئوخشاشلا زور دەرىجىدە تەسىر قىلدى. 2008 - يىلىدىن باشلاپ، قازاقىستاننىڭ يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى مەبلەغ ئوبوروتىدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، يەنى 2007 - يىلىدىكىگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %25-%15 تۆۋەنلىدى. كىرىزىس گەرچە 0102 - يىلىدىن باشلاپ سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، لېكىن رېستۇران تىجارەتچىلىرى يەنىلا يېڭى تەرەققىيات شەكلى جەھەتتە ئىزدىنىپ، يېڭى بازارلارنى ئېچىشقا تىرىشماقتا.
      ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل ھالدا ئاستا بولۇشى، بىر تەرەپتىن ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىنى ئۆرلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يولۇچىلار ئېقىمىنى تۆۋەنلەتتى، بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىدى. بۇ ۋەزىيەت يېمەك - ئىچمەك بازارلىرىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتىپ، رىقابەت كۈچى يېتەرسىز بولغان بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ بازاردىن چېكىنىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن يېمەك - ئىچمەك كەسپىدىكى ئومۇمىي پايدا تۆۋەنلىدى. «خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم»، ئىقتىساد دېگەندەك ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا ئاز دەسمايە سېلىپ تېز نەپ ئالىدىغان يېمەك - ئىچمەك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا تەۋەككۇل قىلدى، بۇمۇ قازاقىستاندىكى يېمەك - ئىچمەك بازارلىرىدا رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. ھازىر ئاستانە شەھىرىدە بىر قىسىم يېمەك - ئىچمەك زەنجىرسىمان كارخانىلىرى مەركىزىي شەھەرلەر يېمەك - ئىچمەك بازارلىرىنىڭ تويۇنغانلىقىنى، يۇقىرى ئۆي ئىجارە ھەققىنى نەزەردە تۇتۇپ، تىجارەتنى ئىستېمال سوممىسى بارغانچە ئېشىۋاتقان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان باشقا شەھەرلەرگە ياكى شەھەر ئەتراپلىرىغا كېڭەيتىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ خوجايىنلار ئۆزلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك تىجارىتىدىكى خېيىم - خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈردى.


      خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن زەينەپ ئاۋۇت تەرجىمە قىلدى