قازاقىستان - قىرغىزىستان چېگرىسى قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى
قىرغىزىستاندىكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن، بۇ يىل 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئېتىلىپ قالغان قازاقىستان - قىرغىزىستان چېگرىسى يېقىندا يەنى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ قايتىدىن ئېچىلدى.
قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا، قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ قازاقىستان - قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى ئۈچ چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن قازاقىستان تەرەپ چېگرا تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتتى.