شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئاپتوموبىل ئېكسپورتىغا نەزەر
ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلەنگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل دەسلەپكى بەش ئايدا شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن 325 2 دانە ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، قىممىتى 98 مىليون 294 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %46 ۋە %45 ئاشقان. ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە كۆپ ساندىكىسى يۈك ئاپتوموبىللىرىدۇر، ئۇلار ئاساسەن قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ، ئۇلار شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئومۇمىي ئاپتوموبىل سانىنىڭ %36.6 ىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇندىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئېكسپورت قىلىش مىقدارىمۇ زور نىسبەتتە ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 ھەسسە ۋە 1.6 ھەسسە ئارتتى ھەمدە شۇ مەزگىلدە شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل ئومۇمىي سانىنىڭ جەمئىي %43.5 ىنى ئىگىلىدى. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىغا نىسبەتەن ئېھتىياجى يەنىلا شىددەت بىلەن ئېشىپ بارماقتا.
ئالاقىدار ئەربابلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق شىنجاڭغا قوشنا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمال ئېھتىياجىمۇ كۈنسېرى ئېشىپ بارغان، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى ئۈچۈن سودا پۇرسىتى يارىتىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى ئەرزان سۈپىتى ياخشى بولغانلىقى، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، مەخسۇس ئاپتوموبىل ۋە يېنىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقى، بۇ ئاپتوموبىللار ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئوخشاش تۈردىكى ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا ئىقتىدار ۋە باھا جەھەتتە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل سانىنىڭ زور نىسبەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.
ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە سېتىشقا تۈرتكە بولۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل سانى ئايدىن - ئايغا تەدرىجىي ئېشىپ باردى. 5 - ئايدا شىنجاڭ چېگرا ئېغىزىدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل 661 دانەگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %79.1 كۆپەيدى، قىممىتى 26 مىليون 172 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %78.6 ئارتتى.
ئېھتىياجنىڭ بۇنداق شىددەت بىلەن ئېشىشى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. بىرىنچى پەسىلدە شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئېغىزلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل سانى 519 دانەگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگرىسىدىكى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل سانى 798 دانە بولۇپ، ئومۇمىي ئېكسپورت سانىنىڭ %87 ىنى ئىگىلەيدۇ. مەزكۇر چېگرا ئېغىزى نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت ئېغىزىغا ئايلاندى.
جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ «غەربكە چىقىرىلىش» سانىنىڭ يىلسېرى مۇقىم ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە پەقەت شىنجاڭدىكى ئېكسپورت ئاپتوموبىللىرى تىجارەت كارخانىلىرىلا رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەردە 40 تىن ئارتۇق جۇڭگو ئاپتوموبىللىرى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت نۇقتىسى ۋە 36 ماركېتىڭ مۇلازىمەت نۇقتىسىنى قۇردى. )20(