ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
روسىيە ھۆكۈمىتى باج سىياسىتى ئاساسىي يۆنىلىشى لايىھەسىنى تەستىقلىدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-12-11 04:03:44  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

روسىيە ھۆكۈمىتى باج سىياسىتى ئاساسىي يۆنىلىشى لايىھەسىنى تەستىقلىدى

      رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا 2011 - يىللىق ۋە 2012- 2013 - يىللىق باج سىياسىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى لايىھەسىنى تەستىقلىدى. يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى يۆلەش مەزكۇر لايىھەنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ لايىھەدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلار 2015 - يىلىدىن ئىلگىرى (بىر قىسىم باج تاپشۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن 2020 - يىلىدىن ئىلگىرى) سۇغۇرتا بېجى ھەققىنىڭ ئومۇمىي باج نىسبىتىنى %41 كە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدۇ؛ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا نىسبەتەن بۇ ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلىشكە باشلىغان كۈندىن ئېتىبارەن، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئۈچ يىللىق مۈلۈك بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شىركەتلەرگە نىسبەتەن مەخسۇس باجنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، «سىكوركوۋ» پەن - تېخنىكا باغچىسىغا نىسبەتەن مەخسۇس باجنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدۇ؛ تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش ساھەسىدىكى كارخانا ۋە ئالىي مەكتەپ كىچىك كارخانىلىرى، شۇنداقلا ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يۇمشاق دېتال ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنى قوللاش تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلىدۇ، ۋەھاكازالار.
      بۇندىن باشقا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە 2011 - يىلىدىن باشلاپ يامال - نېنېتس ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى يېڭى نېفىتلىكتە نېفىت قېزىشتا شەرقىي سىبىرىيە نېفىتلىكىدە يەر ئاستى بايلىقىنى قازغاندا قېزىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلغاندەك مۇمكىنچىلىك باھالىشىنى يولغا قويۇشنى ھەمدە زاپىسى بىرقەدەر ئاز بولغان يېڭى نېفىتلىك رايون بۆلىكىدە يەر ئاستى بايلىقىنى قېزىش بېجى نىسبىتى كوئېففېتسېنتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا مۇمكىنچىلىك باھالىشىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/1211/article_10746.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
تەيۋەندىكى ئۆلۈم سىنىپى
تەيۋەندىكى ئۆلۈم سىنىپى
قۇياش دېغى ئۇشتۇمتۇت يورۇپ كەتتى
قۇياش دېغى ئۇشتۇمتۇت يورۇپ كەتتى
ئۇيغۇر JAM مۇزىكا گۇرپىسى شىياڭگاڭ پەن - تېخنىكا ئۇنېۋېرىسىتېدا
ئۇيغۇر JAM مۇزىكا گۇرپىسى شىياڭگاڭ پەن - تېخنىكا ئۇنېۋېرىسىتېدا
Iphone دا ئېيتىلغان ئۇيغۇرچە ناخشا
Iphone دا ئېيتىلغان ئۇيغۇرچە ناخشا
تاشقى پلانېت ئادەملىرى 2011-يىلى يەر شارىنى يوقلايدىكە
تاشقى پلانېت ئادەملىرى 2011-يىلى يەر شارىنى يوقلايدىكە
چىشى چىقىپ بولغان بوۋاق تۇغۇلدى
چىشى چىقىپ بولغان بوۋاق تۇغۇلدى
ئافغانىستاندا بىر ھەپتىدە 119 ئادەم ئۆلدى
ئافغانىستاندا بىر ھەپتىدە 119 ئادەم ئۆلدى
ئادەم بىشى كەينىگە كامىرا ئورنىتىلدى
ئادەم بىشى كەينىگە كامىرا ئورنىتىلدى
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • دېمكىن: مېۋىنىڭ راكنى چەكلەش رولى يوق، دېدى
  • مىۋە بىلەن كىسەل داۋلاش
  • ياخشى ئوزۇقلۇق دەپ قارىلىدىغان «ئەخلەتلەر»
  • ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردىكى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبلىرى
  • سەھەردىكى باش قېيىشىنىڭ سەۋەبلىرى
  • كومپيۇتېر كىسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • بالىڭىزنى مەكتەپكە پىيادە بېرىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ
  • ئانىنىڭ باغرىغا بېسىشى بوۋاقنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ
  • تۇغماس ئەر– ئاياللار تۇرمۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
  • چارچىغاندا نېمىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك
  • كۆيۈك يارىسىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • گۆش يېگەندە سامساق يەپ بېرىڭ
  •  
     
    ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
    تور ئۇيۇنلىرى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ