چېگرا سودىسى قىشلىق ئۆتۈك ئېكسپورتى دولقۇنىنى ئېلىپ كەلدى

2010-12-11 04:01:35   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

چېگرا سودىسى قىشلىق ئۆتۈك ئېكسپورتى دولقۇنىنى ئېلىپ كەلدى

      تومۇز ياز كۈنلىرى ئەسلىدە يازلىق ئاياغلارنىڭ بازىرى ئىتتىك مەزگىلى ئىدى، لېكىن ئاياغ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى توپ سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىنجاڭ تاشقى سودا سودىگەرلىرى بولسا قىشلىق ئۆتۈك ئېكسپورتى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.
      بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چېگرا رايون مېھمانخانىسىنىڭ ئاياغ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇنجى قارارلىق سودىگىرى ۋېي شياڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: »بۇ كۈنلەردە چەت ئەللىك سودىگەرلەر ئۈزلۈكسىز كېلىپ قىشلىق ئۆتۈك سېتىۋېلىشقا باشلىدى، بىز ئوتتۇرا ئاسىياغا مال تارقىتىشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتتۇق«.
      ۋېي شياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا 7 - ئايدا باشلىنىدىغان قىشلىق ئۆتۈك ئېكسپورتى بۇ يىل بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن، نەتىجىدە بۇ يىل ياز پەسلىدە يازلىق ئاياغ سودىسى كاساتلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان تولدۇرۇۋېلىنغان.
      ۋېي شياڭنىڭ دۇكىنىدا، يېرىمىغا يېقىن مال جازىسىغا ھەر خىل قىشلىق ئاياغلار تىزىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئايالچە ئۆتۈكلەردۇر.
      چېگرا رايون مېھمانخانىسىنىڭ تۇنجى قارارلىق سودىگىرى لى پىڭخۇامۇ چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ قىشلىق ئۆتۈك زاكاز قىلىش تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى كۈنلەردە تېلېفون ئۇرۇپ قىشلىق ئۆتۈك زاكاز قىلىدىغان قازاقىستانلىق سودىگەرلەر 4 - 3 كە يەتتى، ئىلگىرىكى يىللاردا قىشلىق ئۆتۈك ئېكسپورتىدا 7 - ئايدىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىناتتى، بۇ يىل سودىگەرلەر ئالدىرىدى، بىزمۇ ئۇلارغا دەرھال ماسلاشتۇق».
      ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ بىر قىسىم سودىگەرلەر قازاقىستانغا مال تارقىتىشنى باشلىۋەتتى. كۆپلىگەن سودىگەرلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىشلىق ئۆتۈكلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىۋېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قازاقىستاننىڭ تاموژنا بېجى يەنە ئۆرلەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخى ئارتىپ كېتىدىكەن. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «ئاڭلىشىمىزچە، تاموژنا بېجىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا سودىگەرلەر مۇددەتتىن بۇرۇن قىشلىق ئۆتۈك سېتىۋېلىشقا كىرىشكەن».
      قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاننىڭ تاموژنا بېجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلورۇسسىيە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، چۈنكى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ يىل 7 - ئايدىن باشلاپ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى رامكىسى ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن تاموژنا بېجى نىسبىتىنى بىرتۇتاش قوللىنىدىكەن، قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرىچە تاموژنا بېجى ھازىرقى %60 تىن يۇقىرى ئۆرلەپ %110 كە يەتكۈزۈلىدىكەن. تاموژنا بېجى يۇقىرىلىتىلغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن كىيىم - كېچەك، باش - ئاياغ كىيىم، يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆرلەيدىكەن.
      بۇندىن باشقا، قازاقىستان يېقىندا يەنە ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا ئېگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقىنى چەكلەش تەدبىرىنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخى ئارتقان.
      ئىگىلىنىشىچە، ئاياغ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئىزچىل ھالدا شىنجاڭ تاشقى سودا ئېكسپورتىدىكى كۆپ مىقدارلىق تاۋار بولۇپ، ھەر ئايلىق ئېكسپورت سوممىسى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەر كۈنى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئاياغ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنغان. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بازارلىرىدىكى ئاياغلار جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان.
      ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئاشقانلىقتىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئېكسپورت نىشانىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان، بىر قىسىم كارخانىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا زاۋۇت قۇرۇپ، مەھسۇلات باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن.