سۈرەتلىك خەۋەر >>   مەزمۇن

دۆلىتىمىزدە ئەيدىز بىمارى 370 مىڭغا يەتتى

2010-11-30 19:52:28   www.basbas.cn   نادىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

      2010- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 370 مىڭغا يەتكەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 68 مىڭ كىشى ئۆلگەن. 370 مىڭ كىشىنىڭ 130 مىڭى ئەيدىز بىمارى ئىكەن. قىسمەن رايون ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، يۈننەن، گۇاڭشى، خېنەن، سىچۈەن، شىنجاڭ ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 6 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايوندىن دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومومى ساننىڭ %77.1 نى ئىگىلىگەن.

     گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، ئەيدىزنى كونتىرول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش دۆلەتنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش دەپ كۆرسەتتى ھەمدە جايلاردىن ئەيدىزنى كونتىرول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

      2009- يىلىنىڭ ئاخىردا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۆلىتىمىزدە ياشاۋاتقان ئەيدىز بىمارى ۋۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنى 740مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارى 105 مىڭ دەپ پەرەز قىلغان؛ 2009- يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 480 مىڭ بولغان، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلگۈچىلەر 260 مىڭغا يەتكەن.

      سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، موشۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئەيدىز يۇقۇمىدا بىر قىسىم يېڭى ئەھۋاللار بايقالغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەكىلدە ئىپادىلەنگەن: بىرىنچىسى، ئەيدىز يۇقۇمى داۋاملىق ئۆرلىگەن؛ ئىككىنچىسى، جىنسى ئالاقىدىن يۇقۇملىنىش ئاساسى يۇقۇش يولىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ يۇقۇملىنىشى كۆرىنەرلىك ئاشقان؛ ئۈچىنچىسى، قىسمەن رايون ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، يۈننەن، گۇاڭشى، خېنەن، سىچۈەن، شىنجاڭ ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 6 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايوندىن دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومومى ساننىڭ %77.1 نى ئىگىلىگەن.