قازاقىستاندا دۆلەتنىڭ يېقىلغۇ ماي باھاسىغا قارىتا كونتروللۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىلدى

2010-11-14 00:42:52   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقىستاندا دۆلەتنىڭ يېقىلغۇ ماي باھاسىغا قارىتا كونتروللۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىلدى


      قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى تاسباي سىمامبايېۋ زۇڭلىدىن سوئال سورىغاندا دۆلەتنىڭ يېقىلغۇ ماي باھاسىغا قارىتا كونتروللىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مونوپول كارخانا - قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت - تەبىئىي گاز پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېقىلغۇ مايلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىشكە قارىتا قاتتىق بەلگىلىمە چىقاردى. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، نېفىت - تەبىئىي گاز شىركىتى قارمىقىدىكى كارخانىلار ئېتىبار بېرىلگەن مۇۋاپىق باھا بويىچە ئاپتوموبىل ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا يېقىلغۇ ماينى توپ سېتىپ بەردى. لېكىن بۇ كارخانىلار ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى يۈزەكى، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كېلىشىملەر پەقەت ئالمۇتادىلا ئىمزالاندى. نەتىجىدە، نەچچە مىڭلىغان ماي قاچىلاش پونكىتى تىجارەتچىلىرى ھەرقايسى جايلاردىن نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئالمۇتاغا كېلىپ توپلاشتى. ئەمما، سۆرەلمىلىك بىلەن ئىش بېجىرىدىغان بيۇروكراتلىق خىزمەت ئىستىلىنىڭ تەسىرىدە كېلىشىم دەرھال ئىمزالانمىدى، بۇنىڭ بىلەن ماي قاچىلاش پونكىتى تىجارەتچىلىرى ئالمۇتاغا نەچچە قېتىملاپ كېلىپ - كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇندىن باشقا، سىمامبايېۋ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېلىشىم ئىمزالانغان تەقدىردىمۇ، نېفىت - تەبىئىي گاز شىركىتى قارمىقىدىكى كارخانىلارمۇ ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى يېقىلغۇ ماي بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. تەمىنلىگەن تەقدىردىمۇ، باھاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بازار باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى. بۇنداق بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قىلمىش نەچچە يۈزلىگەن ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەچچە مىڭلىغان ماي قاچىلاش پونكىتى تىجارەتچىلىرىنى ئىشسىز قالدۇرىدۇ».