جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى تۇنجى قېتىم قازاقىستاندىن بۇغداي ئىمپورت قىلدى
يېقىندا، جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئىمپورت قىلغان قازاقستان بۇغدىيى تاموژنىدىن پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارغا ئۈزۈلدۈرمەي توشۇلدى، بۇ جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى ئۈستىگە ئالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى قازاقىستان بۇغدىيىنى ئىمپورت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2004 - يىلىدىن باشلاپ، قازاقىستان جۇڭگوغا بۇغداي ئېكسپورت قىلىشنى ئىزچىل تۈردە تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىدى. 2008 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى قازاقىستان دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پاي كونترول گۇرۇھ ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن »جۇڭگو - قازاقىستان بۇغداي سودىسى ھەمكارلىق چۈشىنىش باياناتنامىسى« نى ئىمزالىدى. 2009 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى سىناق تەرىقىسىدە خەلقئارا ئاشلىق سودىگەرلىرىدىن 10 مىڭ توننا قازاقىستاننىڭ ئەتىيازلىق بۇغدىيىنى سېتىۋالدى. بۇ قېتىمقى ئىمپورت جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم قازاقىستان بۇغدىيىنى تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىشىدۇر.
دۆلەتلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زىچ ماسلىشىشى ئاستىدا، بۇ ئىمپورت قىلىنغان قازاقىستان بۇغدىيى 2 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى 11 تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ 163 ئاپتوموبىلدا مەملىكىتىمىزنىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىغا پۈتۈنلەي توشۇلۇپ بولدى، ئومۇمىي مىقدارى جەمئىي 10015.06 توننىغا يەتتى. نۆۋەتتە بۇ بۇغدايلارنىڭ ھەممىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ بولدى ھەمدە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئۆلكە بازارلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي توشۇلۇۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان دۇنيادىكى ئالتىنچى چوڭ ئاشلىق ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ، 2007 - يىلىدىن باشلاپ ئەڭ چوڭ ئۇن ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلاندى، 2009 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئۇن ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا ئۇن ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %18 ىدىن ئېشىپ كەتتى.