چېگرا ئېغىزى سودىسى كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلەنمەكتە

2010-09-24 09:58:47   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

چېگرا ئېغىزى سودىسى كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلەنمەكتە

       ئاپتونوم رايونلۇق چېگرا ئېغىزى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۈ شياۋخۇا يېقىندا مۇنداق دېدى: چېگرا ئېغىزلىرى ئۈچ دۆلەتكە ئېچىۋېتىلسە، ئىككى تەرەپ سودىسىنى ئېلىپ بارغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا دۆلەتلەرمۇ ئىككى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق سودىدا ھەمكارلىشالايدۇ، چېگرا ئېغىزلىرىمۇ ئىلگىرىكى پەسىل خاراكتېرلىك چېگرا ئېغىزىدىن يىل بويى ئېچىۋېتىلىدىغان چېگرا ئېغىزى دەرىجىسىگە ئۆرلەيدۇ. تايكەچكەن چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى چېڭ ۋېنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتالمىش ئۈچىنچى دۆلەتكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم نۇقتا رۇسىيەگى قارىتىلغان. ئەسلىدە پەقەت جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىلا ئىككى تەرەپ سودىسى ئېلىپ بېرىلاتتى، بۇندىن كېيىن بولسا رۇسىيە بىلەنمۇ ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا كارخانىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سودىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىلىدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، تايكەچكەن چېگرا ئېغىزى ھازىر پەسىل خاراكتېرلىك چېگرا ئېغىزى بولۇپ، ھەر يىلى 4 - ئايدىن 12 - ئايغىچە كېيىنكى يېرىم ئايدا ئېچىۋېتىلىدىكەن، ھەر يىلى ئېچىلىش كۈنى 135 كۈن بولىدىكەن. چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، 2004 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تايكەچكەن چېگرا ئېغىزىنى خەلقئارالىق يىلبويى ئېچىۋېتىلىدىغان چېگرا ئېغىزىغا ئايلاندۇرۇشقا قوشۇلدى. لېكىن بۇ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئاساسىي شەرت - شارائىتى ئاجىز، خادىم يېتەرسىز بولغانلىقتىن، تەستىقلانغان بەش يىلدىن بۇيان چېگرا ئېغىزىنى خەلقئارالىق يىل بويى ئېچىۋېتىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تەلىپى ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى.
      جۇڭگو شىنجاڭنىڭ چېگرا ئېغىزىدا ئۈچىنچى دۆلەتكە قارىتا ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا موڭغۇلىيە تەرەپ كۈچلۈك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى.
      نۆۋەتتە، موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ تايكەچكەن چېگرا ئېغىزىدىن موڭغۇلىيىنىڭ بۇلگان ناھىيىسىگىچە تۇتىشىدىغان 65 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاشيول قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ بولدى ھەمدە شىمالغىچە ئۇزارتىپ باياننۇر بىلەن رۇسىيەنىڭ تەشان چېگرا ئېغىزىغىچە تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. چېڭ ۋېنجۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: »بۇ پىلاننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى تايكەچكەن چېگرا ئېغىزى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ كەڭ بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ«.
      يۇقىرىقىدەكلا جۇڭگو تەرەپمۇ مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا ئېغىزى ئۇل مۇئەسسەسەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. چېڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: ئەسلىدە پەقەت سەككىز مېتىر كەڭلىكتىكى ئاپتوموبىل يولىلا بارىدى، ھازىر بولسا 16 مېتىرغا كېڭىيىپ، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشىگە قۇلايلىق يارىتىلدى. تايكەچكەن چېگرا ئېغىزىنىڭ باشقا ئۇل مۇئەسسەسەلىرى (بىر تاموژنىدا ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغان ئىش بېجىرىش زالى ھەم خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىزىغا چۈشتى. 2008 - يىلى 01 - ئايدا، مەزكۇر چېگرا ئېغىزى ئاپتونوم رايونلۇق چېگرا ئېغىزى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، بۇ يىل دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ.
      بۇندىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرىلا جۇڭگو قىرغىزىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا ئاپتوموبىل ئۇلاپ توشۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇپ، تورغات چېگرا ئېغىزى يېقىندا ئۈچىنچى دۆلەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىمۇ بىرلەشمە ھۆججەت ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئەركەشتام (جۇڭگو) - ئەركەشتام (قىرغىزىستان) پورتىنى خەلقئارا چېگرا ئېغىزى قىلىپ، ئىككى دۆلەت، شۇنداقلا ئۈچىنچى دۆلەت گراژدانلىرى، ماللىرى، قاتناش قوراللىرىنىڭ مۇشۇ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرىپ - چىقىشىغا ئىجازەت قىلىشنى قارار قىلدى.


      خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن غالىپ مامۇت تەرجىمە قىلدى