رۇسىيەدە جۇڭگو كونسېرۋالىرى بازار تاپتى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، رۇسىيە جۇڭگو كونسېرۋالىرىنىڭ مۇھىم بازىرى بولۇپ، كالا گۆشى كونسېرۋاسى، پەمىدۇر قىيامى كونسېرۋاسى، خۇاسېڭ مېغىزى كونسېرۋاسى ۋە ياڭاق مېغىزى كونسېرۋاسى قاتارلىقلار زور مىقداردا ئىكسپورت قىلىناتتى. 1992 - ۋە 1993 - يىللىرى زور مىقداردىكى ساختا تاۋارلار رۇسىيە بازارلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەندىن بۇيان، جۇڭگو تاۋارلىرى بۇ بازاردىن ئاستا - ئاستا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە كونسېرۋا بازارلىرىنى غەرب ئەللىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىگىلەشكە باشلىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيىدىكى كونسېرۋا تىجارەتچىلىرى يەنىلا جۇڭگونىڭ سۈپەتلىك كونسېرۋا مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈپ سېتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى، چۈنكى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان كونسېرۋالارنىڭ تۈرى كۆپ، باھاسى ئەرزان بولۇشتىن باشقا، يەنە رۇسىيەگە ئىمپورت قىلىشمۇ قۇلايلىق.
ھازىر جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە كونسېرۋالىرى رۇسىيەدە قايتىدىن قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى، چۈنكى ئاپېلسىن، شاپتول ۋە ئاناناس كونسېرۋالىرىدىن باشقا يەنە ماڭگو، لۇڭيەن، مىرىكا قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ كونسېرۋالىرىنى رۇسىيەلىكلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ، شۇڭا جۇڭگو بۇ ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ئارقىلىق رۇسىيەدە جۇڭگو كونسېرۋالىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلىيەلەيدۇ.