رۇسىيەنىڭ كۆكتات بازىرى

2010-09-11 10:34:38   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

رۇسىيەنىڭ كۆكتات بازىرى

       تارىخقا نەزەر سالساق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، دېھقانچىلىق، يېنىك سانائەت ۋە ئېغىر سانائەت تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقانلىقتىن، رۇسىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاساسى ئاجىز بولۇشتەك ئەھۋال كېلىپ چىققان.
      كۆكتات ۋە مېچە - چېۋىنىڭ يېتەرسىزلىكى بىرقەدەر ئېغىر.
      تەبىئىي مۇھىتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە ئاساسەن شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ ۋە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىمات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قىش پەسلى ئۇزۇن، ياز پەسلى قىسقا. تەبىئىي شەرت - شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، رۇسىيىدە كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىنىڭ تۈرى ئاز، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ئاھالىلارنىڭ كۆكتاتقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا رۇسىيە ھەر يىلى چەت ئەللەردىن زور مىقداردا كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە ئىمپورت قىلىدۇ.
      رۇسىيە ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بازار، ھەربىر رۇسىيىلىك ھەر يىلى تەخمىنەن 100 كىلوگرامدىن مېۋە ئىستېمال قىلىدۇ، لېكىن ھازىر رۇسىيە ھەر يىلى ھەربىر ئاھالىنى ئاران 32 كىلوگرام مېۋە بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئالما، نەشپۈت، باناننىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنىدۇ.
      رۇسىيە ھەر يىلى چەت ئەللەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 800 مىڭ توننىدەك كۆكتات ئىمپورت قىلىدۇ. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيىدە يىلدا %50 كۆكتات يېتىشمەيدىكەن. بۇنى رۇسىيە ئاساسەن جۇڭگو ۋە كورىيەدىن ئىمپورت قىلىپ تولۇقلايدىكەن.