قازاقىستاننىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى دېھقانچىلىق تەرەققىيات پىلانى
قازاقىستان دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بۇ يىل يىل بېشىدا دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى «قازاقىستاننىڭ يېڭى 10 يىلى، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىشى، يېڭى مۇمكىنچىلىكى» دە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە ئاساسەن، قازاقىستاننىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق دېھقانچىلىق تەرەققىيات پىلانى، ئېشىش شەكلىنىڭ ئەمەلىيلىشىش چارە - تەدبىرلىرى، پىـلاننى تاماملاش مۇددىتى ۋە مەزكۇر پىلاننى ئىجرا قىلغۇچى كونكرېتنى خادىملارنى بەلگىلىدى. پىلان تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتكە بۆلۈنىدۇ:
1. دېھقانچىلىق ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
2014 - يىلىغا بارغاندا، دېھقانچىلىق ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشىدۇ. چۈنكى بۇ ئارىلىقتا قازاقىستان تېرىقچىلىقتا كۆپ خىل تىجارەت يولىنى قوللىنىش؛ سورتنى ياخشىلاش، زامانىۋىلاشقان چوڭ تىپتىكى تاۋار گۆش يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇش شەكلى ئارقىلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇستەھكەملەپ، بۇنى سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ، دېھقانلارنىڭ يۇقىرىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا مەدەت بېرىدۇ.
2. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش
2014 - يىلىغا بارغاندا، دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ نىسبىتى %80 كە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قازاقىستان يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى چوڭ كۆلەمدە يېڭىلاپ، خەلقئارالىق يېمەكلىك سۈپەت ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەمگەك ھەق تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاپ، تەتقىقات ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى ۋە پىرسەنت ئايرىش قاتارلىقلارنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
3. يېزا ئىگىلىكىدە ئېكسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش
دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا پايدىلىق بولغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىنىدۇ. نۆۋەتتە، قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا «قازاقىستان دېھقانچىلىقى» گۇرۇھى 92 تۈرنى تەستىقلىتىپ بولدى، بۇ تۈرگە ئاجرىتىلغان مەبلەغ 38 مىليارد 500 مىليون (تەخمىنەن 2 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) تەڭگىگە يېتىدۇ.
خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن پاتىگۈل غېنى تەرجىمە قىلدى