قازاقىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇشىغا قارشى ئىنكاسلار

2010-09-11 10:30:37   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

 قازاقىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇشىغا قارشى ئىنكاسلار

       2007 - يىلى 10- ئايدا رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى رامكىسى ئىچىدە تاموژنا ئىتتىپاقدىشىنى قۇرغانىدى. 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقستان قاتارلىق بۇ ئۆچ دۆلەتتىن تەركىب تاپقان تاموژنا ئىتتىپاقدىشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئۈچ دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى 2009 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا 2012 - يىلى 1 - ئايدىن بۇرۇن بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇقنى چوقۇم قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغانىدى.
      تاموژنا ئىتتىپاقدىشى پىلان بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، شۇنداقلا كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭغا قارشى ئاۋازلارمۇ بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. قازاقستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرى رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستان تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن تاموژنا ۋە باشقا باج مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندا، پارلامېنت ئەزاسى جانار كاراگىسوۋا: تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن مۆلچەرلىنىشىچە قازاقستان تاموژنا بېجىدا ھەر يىلى 70 مىليارد تەڭگە (150 تەڭگە بىر ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ) زىيان تارتىدۇ. تاموژنا بېجى ھەربىر دۆلەت مالىيە كىرىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دېدى. ئۇ يەنە مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ يىللىق تاموژنا باج كىرىمى قازاقىستاننىڭ يىللىق مالىيە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %52 ىگە تەڭ. قازاقىستان تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، دۆلەت ھەر يىلى غايەت زور تاموژنا باج كىرىمىدىن زىيان تارتىدۇ، دەسلەپكى مۆلچەردىن قارىغاندا بۇ سان 70 مىليارد تەڭگىگە يېتىدۇ. شۇڭا، قازاقىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ مەسىلىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا مالىيە كىرىمىدىكى »بوشلۇق« نى تولدۇرۇپ، بۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش لايىھەسى ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەك.
      لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى جانار كاراگىسوۋانىڭ سۆزىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىدى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۈچ دۆلەت تاموژنا باج كىرىمىنى تەقسىملەش ھەققىدە كېلىشىم تۈزدى. كېلىشىمگە ئاساسەن تاموژنا باج كىرىمىنى رۇسىيە %87.97، بېلورۇسسىيە %4.7، قازاقىستان %7.33 ئالىدىغان بولدى. قازاقىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى: قازاقىستان تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانلىقتىن، 2010 - يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ئىمپورت تاموژنا باج كىرىمى 2009 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %66 ئېشىشى مۇمكىن، شۇڭا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەزكۇر تاموژنا ئىتتىپاقدىشى قازاقىستان ھۆكۈمىتى خام چوت كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، دېدى. بۇ ئۈچ دۆلەت تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، 120 مىڭ خىل تاۋار تۈرىدە پەقەت 000 5 خىل تاۋارنىڭ ئىلگىرى يولغا قويۇلغان تاموژنا بېجى ساقلىنىپ قالىدۇ، باشقا نۇرغۇنلىغان تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ. گەرچە قازاقىستاندىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قازاقىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولغىنىغا ئەكسىچە پىكرى بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى يىراق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتقاندا تاموژنا ئىتتىپاقدىشى رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بازار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قازاقىستاننىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، شۇنداقلا دۆلەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. 
      2007 - يىلى قازاقىستان تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇشنى پىلانلىغاندىن بۇيان، بۇ ئىتتىپاقداش تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش كېرەكمۇ ياق؟ دېگەن مەسىلە دۆلەت ئىچىدە ھازىرغىچە تالاش - تارتىش قىلىنىپ كەلدى. 2010 - يىلى 3 - ئايدا قازاقىستاندىكى مەزكۇر ئىتتىپاقداش تەشكىلاتقا كىرىشكە قارشى تۇرغۇچىلار زۇڭتۇڭغا ئاشكارا خەت يېزىپ، رۇسىيە ۋە بېلورۇسسىيىلەر بىلەن تۈزگەن تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، بولمىسا زۇڭتۇڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      ئاشكارا يېزىلغان بۇ خەتتە، تاموژنا ئىتتىپاقدىشىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى شەرتلەر قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى، مەزكۇر ئىتتىپاقداش تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقنى يوقاتقانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئىتتىپاقداش تەشكىلاتقا ئەزا بولغاندىن كېيىن، قازاقىستانغا رۇسىيە تاۋارلىرى زور مىقداردا كىرىدۇ، بۇ رۇسىيىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق بىلەن باراۋەر. كەلگۈسىدە رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت بو ئۈچ دۆلەت يەنە پۇل ئىتتىپاقدىشى تەشكىلاتى ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇقنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغاندا قازاقىستان پۇلغا ئىگىلىك قىلىش ھوقۇقى ۋە قازاقىستاننىڭ پۇل سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدۇ، شۇنداقلا تۆمۈريول، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ۋە يېقىلغۇ ساھەسىدىكى باج نىسبىتىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تاموژنا ئىتتىپاقدىشى كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت ھالقىپ ئىگىدارلىق قىلىش ئورگىنىنىڭ بەلگىلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىك ھوقۇقى يوقىلىدۇ. ئىقتىسادىي ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ يوقىلىشى سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ئاخىرىدا سىياسىي جەھەتتىكى قارار قىلىش ھوقۇقىنى موسكۋاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
      ئىتتىپاقداش تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشقا قارشى تۇرغۇچىلار: قازاقستان كونا خاتا يولدا قايتا ماڭسا بولمايدۇ، «مۇستەملىكە شەكلى» دىكى ئۆتمۈشكە قايتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلىپ، ئىلگىرىكى تاموژنا قانۇنىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇ تەلەپنى قاندۇرمىسا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ قارشىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، زۇڭتۇڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      قازاقىستان مۇستەقىل كارخانىچىلار جەمئىيىتى مۇنداق دەپ قارىدى: تاموژنا ئىتتىپاقدىشىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھمىيىتىدىن زور، قازاقستان مەزكۇر ئىتتىپاقداش تەشكىلاتتا پەقەت خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش دۆلىتى بولۇش رولىنىلا ئوينايدۇ، تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا كىرىش قازاقىستاندىكى كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.
      قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي ئىشلار مۇخبىرى ساتپايېۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيە تاموژنا ئىتتىپاقدىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئەللىرى ۋە جۇڭگو، ئىران قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى مەبلىغىنىڭ رۇسىيىگە كىرىشىنى توسماقچى. ساتپايېۋ مۇنداق دەپ قارايدۇ: تاموژنا ئىتتىپاقدىشى رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى بىر سۇپا، رۇسىيە بۇ سۇپا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە نامايەن قىلماقچى.
      لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى: تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇش قازاقىستان ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قازاقىستان ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. قازاقستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا ئىتتىپاقدىشىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2015 - يىلىدىن بۇرۇن %15 ئاشۇرۇپ، قازاقىستان ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، يېڭى ئىش ئورنىنى يارىتىدۇ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ، تاۋار ئېكسپورتى ۋە كىشىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشىدىكى توسالغۇلارنى ئازايتىدۇ. نەزەربايېۋ بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: قازاقىستان، رۇسىيە ۋە بېلورۇسسىيىلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى سىياسىي ئىش بولماستىن، بەلكى كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئۇرۇغ - تۇغقانداچىلىق ۋە دوست - يارەنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىر جەريانى.
      نۆۋەتتە، تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقستاندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ دۆلەت مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە تىرىشماقتا. رۇسىيە بېلورۇسسىيە ئىتتىپاقدىشىدىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر تاموژنا ئىتتىپاقدىشى دائىرىسىدىلا پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇھىم بولۇپ قالماستىن، يەنە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر دائىرىسى ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم. روسىيىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى 2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئېچىلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تاموژنا ئىتتىپاقدىشى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق رامكىسىدا پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.
      خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن مىھرىئاي ئىسساق تەرجىمە قىلدى