كازافى رىمدا 500قىز بىلەن يالغۇز پاراڭلاشتى
2010-09-01 11:42:35 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى نادىل
شىنخۇا ئاگېنتلىقى،لوندون،31-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى:ئەنگلىيەدىكى«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:لىۋىيەنىڭ رەھبىرى كازافى ئىتالىيەدە تۆت كۈن زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن 28-ئاۋغۇست رىمغا يېتىپ بارغانىدى،بۇقېتىم ئۇ لىۋىيە-ئىتالىيە دىپلۇماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتنىشاتتى .ئەمما ئۇ كەلگەن كۈنىلا ھەشەمەتلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ،ئىتالىيەدىكى 500 گۈزەل قىزنى تەكلىپ قىلدى .سورۇندا ئىشىك باقاربىلەن كازافىدىن باشقا ھەممە مېھمان قىزلار بولۇپ،كازافى كېيىنىش دۇرۇس قىزلا رغا 50ياۋرۇ نەق پۇل ۋەئۆزىنىڭ باش سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇلاپكا تەقدىم قىلدى.