قەشقەر بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولغان قىزنى ھەر ساھە كىشىلەر 50 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى

2010-08-25 14:56:17   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى 2010-يىلى24-ئاۋغۇست   ئابۇل
T|T:خەت رەزمىرى

قەشقەر بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولغان قىزنى ھەر ساھە كىشىلەر 50 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى                                        2010-يىلى24-ئاۋغۇست

 

 


 

گۇلبانۇ ئەمەت مۇكاپات تاپشۇرۋالماقتا

 


 

 قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق 3–شى 3–ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلغان 2010–يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنىدا 678 نومۇر ئېلىپ ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە مىللىي ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەلىيۇلئەلا بولغان گۇلبانۇ ئەمەتنى يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ‹‹دىل سۆيەر›› قايماقلىق ماروژنا دۇكىنى ، ئوردا كەنت رىستۇرانى قاتارلىق 12 ئورۇن 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل، خاتىرە جازىسى ، گۈل، ئوقۇش قورالى ، چامادان قاتارلىقلار بىلەن تارتۇقلىدى.

   گۇلبانۇ ئەمەت يېزا ئىگىلىك 3–شى 3–ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئىزچىل ئۈچتە ياخشى بولۇپ ، ھەر يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن تەقدىرلىنىپ كەلگەن ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يەككە پەنلەر تۈرى بويىچە 120 دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ جەمئىي 678 نومۇر بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 2 –لىككە ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 1–لىككە ئېرىشكەن شۇنداقلا ئۆزى ئارزۇ قىلغان شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى.