شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى ئاشتى

2010-08-07 00:27:14   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى ئاشتى

      تاموژنىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل دەسلەپكى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد 848 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %7.9 ئارتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2 - ئايدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىلا 887 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %43.3 ئېشىپ، 2009 - يىلى 1 - ئايدىن بېرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇدا 13 ئاي كۆرۈلگەن مىنۇس ئېشىش ھالىتىدىن قۇتۇلغان، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىدا ئېشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلگەن،
      بۇ يىل دەسلەپكى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت سوممىسى بىر مىليارد 512 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %7.8 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى بولسا 335 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %19 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 2 - ئايدىكى ئېكسپورت سوممىسىلا 729 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %58.5 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى 158 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %0.6 تۆۋەنلىدى.
      بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ سودا نازارىتى پائال تۈردە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سودا ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوشنا دۆلەت لەرنىڭ خەلقئارا بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى؛ ھەرقايسى ئوبلاستلارنىڭ پارتكوم، ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ تاشقى سودا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ يېڭى تۈرتكىلىك سىياسەتلىرىنى پائال تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇپ، سودا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە پېرېۋوت قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنىڭ قۇلايلىقلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىپ، تاشقى سودا ساھەلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇراقلاشتۇردى، ھەرقايسى جايلاردىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى؛ پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاموژنا، دۆلەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى، باج ئىشلىرى تارماقلىرى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، بانكا ۋە تۆمۈريول ترانسپورتى قاتارلىق فۇنكسىيىلىك تارماقلار ساھەلەر ئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «چوڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» نىڭ رولىنى پائال جارىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بەردى ھەمدە زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
      شىنجاڭ سودا نازارىتىدىكى ئالاقىدار ئەربابلار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتى يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، يەنى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، تاشقى ئېھتىياج تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تۇراقسىز بولۇش، سودا سۈركىلىشى كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق ئېنىقسىز ئامىللارمۇ مەۋجۇت بولماقتا، »نورمىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈزۈلمىنى تەڭشەش، مۇۋازىنەتنى ساقلاش« ۋەزىپىسى يەنىلا قىيىن ۋە ئېغىر بولماقتا.