شەرقىي رايونلار شىنجاڭ مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدىگە ئايلاندى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلىمىز شەرقىي رايونلىرىنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلەغ سوممىسى 79 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز جەلپ قىلغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىنىڭ %61 ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدىگە ئايلانغان.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - 2007 - يىللىرى شەرقىي رايونلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى 203 3 خىلغا يەتكەن، ئەمەلىيلەشكەن كىرىم 79 مىليارد 36 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز جەلپ قىلىپ ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ %61.90 ىنى ئىگىلەيدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ بىلەن شاڭخەينىڭ ئەمەلىيلەشكەن ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 20 مىليارد 692 مىليون يۈەن ۋە 12 مىليارد 93 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرقىي رايونلارنىڭ ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ سوممىسىدا %26.92 ۋە %15.30 نى ئىگىلىگەن.
شەرقىي رايونلاردىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەلىرى ئاساسلىقى نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، شۇنداقلا مېتال ئېرىتىپ پىششىقلاپ ئىشلەش، پىششىقلاپ ياساش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئۆي - مۈلۈك كەسپى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
شەرقىي رايونلارنىڭ غەربكە مەبلەغ سېلىش دولقۇنىنى قوزغىغان ئاساسىي سەۋەب شۇكى، شىنجاڭ كۈنسېرى يۇقىرىلاۋاتقان ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىگە ھەم سالغان مەبلەغنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە تەمىنلەش - ئېھتىياج زىددىيىتىنىڭ پەيدىنپەي روشەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا ئېنېرگىيە «زاپاس ساقلاش رايونى» بولۇشتەك ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندىن ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچىلىك ئورنىغا ئۆتتى. بۇ جايغا توپلانغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە 138 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ زاپىسى مول بولۇپ، شەرقىي رايوندىكى كۆپلىگەن كارخانىلارنى جەلپ قىلدى.
بۇندىن باشقا، شىنجاڭدىكى يەلپۈگۈچ شەكىللىك جايلاشقان 28 چېگرا ئېغىزىمۇ شەرقىي رايوندىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق شەرقىي رايوندىكى ئۆلكە - شەھەرلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، ئاپتوموبىل، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، توقۇلما بۇيۇملارنى ئوتتۇرا ئاسىيا، روسىيە، ھەتتا ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا ئۈزلۈكسىز توشۇغىلى بولىدۇ.