زاۋاھىرى يەمەندىكى ئۆلىمالارنىڭ ئامېرىكىغا‹‹غازات››ئېلان قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2010-07-30 10:43:36   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سانا، 28 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ 2 – نومۇرلۇق كاتىبېشى زاۋاھىرى 26 – ئىيۇل ئىنتېرنېتتا: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى يەمەنگە كىردى، يەمەندىكى ئۆلىمالار ئامېرىكىغا ‹‹غازات›› ئېلان قىلىشى كېرەك، دېدى،  زاۋاھىرى يەمەندىكى ئۆلىمالارغا: ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلدى، سىلەر نېمىشقا ھازىرغىچە غازات قوزغىمايسىلەر؟ ئامېرىكا تانكىلىرىنىڭ ساناغا ھۇجۇم قىلىشىنى كۈتۈۋاتامسىلەر؟، يەمەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، ۋاھالەنكى سىلەر بۇنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدىڭلار، دېدى.