راستـــقا ئــايــلانــغـان ئــويــۇن

2010-07-22 18:07:57   يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

راستقا ئايلانغان ئويۇن

 

يېزا- كەنت مەكتەپ پىدائىيلار تورى خەۋىرى:
   يېزا-كەنت مەكتەپ پىدائىيلار تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تەشكىلات بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى  ئەسلەپ باقسام كۆڭلۈم شاتلىق ۋە ھاياجانغا تولماي قالمايدۇ.مۇرەككەپ ھىسىياتلار بۆشىكىدە ئەللەيلىنىمەن.پىدائىي دېگەن گەپ بىلەن 1985-يىلى خىزمەتكە قاتناشقىلى ئىككى يىل بولغان مەزگىلدە ئۇچراشقان ئىدىم.خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئەتكەسچىلىك دىلوسىنى تەكشۈرگىلى باردۇق.ماشىنا بىلەن مىچۈەن شال ئۇرۇقچىلىق پونكىتىغا بېرىپ مەسئۇل خادىمدىن بەزى ئىشلارنى سۈرۈشتۈردۇق.بىز ئولتۇرغان بۇ ئىشخانا ئاددىي خىش قۇرۇلمىلىق ئۆي بولۇپ ئەتراپتىن توپا ئۆرلەپ تۇراتتى،ئىشخانىنىڭ بۈرجىكىگە گۈرجەك،جوتۇ ،پۈركىگۈچ قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرى دۆۋىلەپ قويۇلغان ئىدى.رەسمىي سۆھبەت باشلاندى.مەن سوئال سورىدىم ،خىزمەتدېشىم خاتىرە قالدۇردى.سورۇن شۇنچىلىك سۈرلۈك ئىدى.مەن پونكىت مەسئۇلىدىن گەپ سوراۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ كۆزەينەك تاقىغان ،ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئۈستىبېشى توپا بىر ئادەم ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.بۇ كىشى قارىغاندا شال ئېتىزلىقىدىن ئۇدۇل بۇ ئىشخانىغا كەلگەندەك قىلاتتى.ئۇ كىرىپلا ياپۇن تىلىدا ئەتراپتا ھىچكىم يوقتەك پونكىت مەسئۇلى بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتى.بۇلارنىڭ بۇ قىلىقى خىزمىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ قالماي پونكىت مەسئۇلىغا بولغان نارازىلىقىمنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.لېكىن بۇنداق سورۇندا نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش بىئەپ ئىدى.ئۇندىن باشقا يېڭى كىرگەن ياپۇنلۇقمۇ ئاددىي ئادەمدەك قىلمايتتى.جەزىم قىلىمەن گەرچە ئۇ دېھقاندەك كۆرۈنسىمۇ دېھقان ئەمەس ئىدى.ھەيرانلىق ئىچىدە قولىمىزدىكى ئىشنى توختىتىپ ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىشىپ بولۇشىنى كۈتتۇق.ياپۇنلۇق پۈركۈگۈچنى ئېلىپ ئىشخانىدىن ئايرىلغان چاغدا تاقەتسىزلەنگەن ھالدا پونكىت باشلىقىدىن سورىدىم :
- ئۇ كىم؟
-  ئۇ بىر ياپۇنىيەلىك،- دەپ جاۋاپ بەردى باشلىق.
- ئۇ نىمىش قىلىدىغان ئادەم؟- دەپ سورىدىم يەنە .
- پىدائىي،- دەپ جاۋاپ بەردى باشلىق .
- پىدائىي دېگەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم ؟-دەپ سورىدىم مەن.
- بىز ئۈچۈن بىكارغا ئىشلەپ بېرىدىغان ئادەم بولمامدۇ ،-دەپ جاۋاپ بەردى باشلىق ھىچ ئىش بولمىغاندەك.
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ سوراشنى داۋاملاشتۇردۇم.
-نەدە شۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن.ئۇنىڭ ئىش ھەققى،تامىقى ،ياتىقى ،يول كىراسىغا كىم مەسئۇل؟
-مائاشى يوق.يول كىراسىغا بىز مەسئۇل ئەمەس،يەيدىغىنىغا بىر خالتا گۈرۈچ ،ياتىدىغان بىر ئېغىز ئۆي بېرىمىز خالاس.يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالمىشىدۇ،-دەپ جاۋاپ بەردى باشلىق.
     پونكىت باشلىقى ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئىلىم ئەھلى تىپىدىكى باشلىق ئىدى.ئۇنىڭ جاۋاپلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىشىگە ئوخشاپ كەتكەچكە ئارىمىزدىكى جىددىي كەيپىيات بىردەمدە نورماللىشىپ كەتتى.باشلىقنىڭ ‍ جاۋاپلىرى ئاددىي بولسىمۇ بىز ئۇنىڭ جاۋابىدىن پىدائىي دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋالدۇق.ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ بىر قېتىم ئايرۇپىلاندا كېتىۋېتىپ گېزىتتىن بىر ياپۇنىيەلىك پىدائىينىڭ شەنشىنىڭ داتوڭ دېگەن يېرىدە كۆچەت تىكىش ئەمگىكىگە قاتناشلىقىنى كۆردۈم.يەرلىك دېھقانلارنىڭ بۇ ياپۇنىيەلىكنىڭ ئويىنى چۈشىنەلمىگەن.ياپۇنىيەلىك ئۇلارغا ‹‹بۇ يەرگە كۆچەت تىكىشىمنىڭ مەقسىدى بۇ يەردىكى قۇم-توپىنىڭ ياپۇنىيەگە ئۇچۇپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› دەپ  ئىزاھلىغان.ئۇ ياپۇنلۇق داتوڭدا ئوننەچچە يىل كۆچەت  تىككەن.ئۇنىڭ بۇ روھى قەدىرلەشكە ئەرزىيتتى.كېيىن ئۇ بىر مۇھىت ئاسراش تورى قۇردى.بىر كىتاب نەشىر قىلدۇردى.مەن ئۆتكەندە بىر كىتاب بوتكىسىدا بۇ كىتابنى ئۇچراتتىم.باھاسى ئۈچ يۈەن ئىدى.گەرچە ئەسلى باھاسى ناھايىتى يۇقۇرى بولسىمۇ كىتابچى ئۇنى ئۈچ يۈەندىن ساتقان ئىدى.مەن بۇكىتابنى گۆھەر تېپىۋالغاندەك كەيپىياتتا سېتىۋالدىم.كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم دېھقانلىرى بۇ كىشىنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىپ كۆچەت تىككۈچىلەر قاتارىغا قېتىلدى.كېيىن مەن تۇرپاندا جوڭگۇ ياپۇنىيە پىدائىيلار ئورمانلىقى ۋە جوڭگۇ كورىيە پىدائىيلار ئورمانلىقىنى ئۇچراتتىم.شۇندىن كېيىن كاللامدا پىدائىي دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە غۇۋا بولسىمۇ تونۇش ھاسىل بولدى.
         مېنى پىدائىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگىنى دوستۇم جوشۇەن ئىدى.بىز 1998-يىلى تونۇشقان ئىدۇق.ئادەتتە ئالاقە قىلىپ تۇراتتۇق.ئۇ بېيجىڭدىكى بىر شىركەتنىڭ مەسئۇلى بولۇپ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي پىدائىيلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇراتتى.ھەرھەپتىسى بىر قېتىم بېيجىڭنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى قېرىلار سانوتورىيىسىگە بىر قېتىم بېرىپ يېرىم كۈن ھەقسىز ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىناتتى.مەن بىر دۆلەت مەمۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىزمىتىمنى بەك ئالدىراش دەپ كەتكىلى بولمايتتى.2005-يىلى خىزمەت بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ قالدىم.جوشۇەن ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە دوستى بىلەن بىللە تاماق يىدۇق.بىر چاغدا جوشۇەن تارتىنغان ھالدا :
      -مەن ۋە  ئادۋۇكات دوستۇمنىڭ بىر ئارزۇسى بار ئىدى.ئىككىمىز بەش تۈمەندىن پۇل چىقىرىپ چەت يەردىكى بىرەر يېزا مەكتىپىگە بىرەر ئىش قىلىپ بەرگەن بولساق.-دىدى.
      -ياخشى ئىشكەنغۇ،  مائارىپ تارماقلىرى ياكى خەيرى ساخاۋەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلساڭ   ئۇلار  ئارزۇيىڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىدۇ،- دىدىم.
   -ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ ،-دىدى جوشۇەن خانىم بېشىنى چايقاپ.
ئارىلىقتىكى ئىككى يىلدا بىز بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالمىدۇق.2007-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن تېلىپونلاشتىم.ئۇ يەنە ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇسىنى تىلغا ئالدى.مەن دەرھال ئۇنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىكى گېپىنى ئەسكە ئالدىم.
-يەنە شۇ مەكتەپنىڭ ئىشىمۇ ؟-دەپ سورىدىم قىزىقسىنغان ھالدا.
-شۇنداق ،-دىدى ئۇ.
-بۇ ئىشنى قىلماق شۇنچە تەسمۇ ؟-دەپ سورىدىم مەن.
جوشۇەن سۈكۈتكە چۆمدى.
-ناۋادا بولىدۇ دەپ قارىساڭ ،قىلماقچى بولغان ئىشىڭنىڭ رايۇن چەكلىمىسى بولمىسا مەن شىنجاڭدىن ئىزدەپ باقاي،شىنجاڭدا نامرات مەكتەپ بەك كۆپ.سېنىڭ شەرتىڭگە توشۇدىغان مەكتەپنى ئىزدەپ تاپماق تەس ئەمەس.
بۇنى ئاڭلىغان جوشۇەن شۇنچىلىك خوشال بولۇپ كەتتى.مەن پاراڭلىشىش جەريانىدا جاھىللىقىم تۇتۇپ دەرھال ئۇنىڭغا ۋەدە بەردىم:
-ئىئانە پۇلى نەقلەشكەن كۈنى مەن ئارام ئېلىش كۈنۈمدىن پايدىلىنىپ ئىئانە پۇلىنىڭ ئىشلىتىش جەريانىنى نازارەت قىلىمەن.
جوشۇەن خانىم بەكمۇ رازى بولدى.
كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈردۈم.بىر قىسىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە  خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بىر مەكتەپنى ياردەم بېرىدىغان ئورۇن قىلىپ تاللىدىم.ئاندىن مەكتەپنىڭ مۇدىرى سەمەتكە تېلىپون قىلىپ جوشۇەن خانىمنىڭ ئىئانە قىلىش ئويىنى بايان قىلدىم،مۇدىر ناھايىتى خوشال بولدى.ئۇ ناھايىتى تىزلا مەكتەپنىڭ ماتىريال ۋە سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ مېنى ئىزدىدى.ئىشخانىدا مەن ئۇنىڭغا خەقنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بۇ ئىشنى قىلماقچى بولغانلىقىمنى،بۇ ئىئانىنىڭ شەرتسىز ۋە ھەقسىز ئىئانە ئىكەنلىكىنى  بىلدۈردىم.سەمەت مۇدىر بىزنىڭ ياخشى كۆڭلىمىزگە رەھمەت ئېيتتى.ئاندىن مەن جوشۇەنگە تېلىپون بېرىپ  مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇم ۋە ھەپتە ئاخىرىدا بۇ ئىشنى نازارەت قىلغىلى بارىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۇم.جوشۇەن خانىم ناھايىتى خوشاللىق بىلەن رەھمەت ئېيتتى،  بانكا كارتا نورۇمنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يوللاپ بېرىشىمنى ،بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بەشمىڭ يۈەن سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ئۇنىڭغا :
-سېنىڭ قىلغىنىڭ بىر چوڭ ئىش ،يەنە كېلىپ بىز دوست تۇرساق ،مەن ئۇ يەرگە بېرىپ كەلگەچ ئازراق پۇل خەجلەيمەن.ھىچقىسى يوق ،-دىدىم.
-ئىشىكتىن چىققان ھامان پۇل كېتىدىغان بۈگۈنكى كۈندە بەش يۈز كېلومىتىر يولنى بېرىپ كېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ. بەزى ئىش دېمەككە ئاسان ،قىلماققا تەس ،پۇلنى بەرمەي قويمايمەن ،-دېدى.
نەچچە كۈندىن كېيىن تېلىپونۇمدىن سىگنال كېلىپ كارتامغا بەشمىڭ يۈەن كىرگەنلىكى مەلۇم بولدى.
-بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ئۈرۈمچىدىن خېجىڭغا بېرىپ كېلىشكە توققۇز يۈز يۈەن پۇل كېتىدۇ،قالغان پۇلنى قايتۇرۇۋېتەي،- دەپ غۇدىرىدىم.ئۇ كەسكىن رەت قىلدى.راست گەپنى قىلسام شۇندىن كېيىنكى ئىككى يىللىق پىدائىيلىق پائالىيىتى جەريانىدا يېنىمدىن قانچىلىك پۇل چىقاردىم ئېنىق ئەمەس.لېكىن ئۇنچە ئاز پۇل كەتمىگىنى ئېنىق.بۇ ھەقتە ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ باقمىدىم.لېكىن ھەرقېتىم قولدۇمدىن كەلگەن  ئىشنىڭ ھەممىسىنى  قىلىشقا تىرىشتىم.
2007-يىلى 11-ئاينىڭ بىرىنجى ھەپتىسى ھەمراھلىرىم بىلەن مەنزىلىمىزگە قاراپ يولغا چىقتۇق.(كېيىن بۇ كۈن بىزنىڭ بۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ يىغىلىش ۋە خاتىرە كۈنى بولۇپ قالدى).تاڭ ئەمدىلا يورىغان ،ئەتراپنى تۇمان قاپلىغان ئىدى.ھاۋا شۇنچىلىك نەم.ماشىنا كورلا تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك مېڭىشقا باشلىدى.شەرق قىزىرىپ تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىدى.نېمە دېگەن گۈزەل سەھەر ! بەش سائەت يول مېڭىپ خوشۇت ھەق ئېلىش پونكىتىغا يېتىپ كەلدۇق.سەمەت مۇدىر قاتارلىق بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى مۇشۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئېكەن.كۆپچىلىك كۆرۈشمىگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان دوستلاردەك قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشۈپ كەتتۇق.شۇ چاغدا  چاخچاق قىلىپ دېگەن :
-سىلەر بىزنى خوشۇت ناھىيە بازىرىدىن 30كىلومېتىر يىراققا كېلىپ كۈتىۋاپسىلەر.كېلەر قېتىم 20 كىلومېتىر يىراققا ئالدىمغا چىقساڭلار ،ئاخىرىدا مەكتەپتە كۆرۈشسەك ،-گەپلىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
-ياق ،ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمىز –دېگەن ئىدى مۇدىر سەمەت.
ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى.كېيىنكى بىر يىلدا پىدائىيلىق پائالىيىتى ئۈچۈن نەچچە قېتىم خوشۇتقا باردىم.30،20 كىلومېتىرلىق كۈتىۋېلىشلاردىن نەچچە قېتىم بەھرىمان بولدۇم.
بىز خېجىڭ ناھىيە بازىرىدا ئاددى ئوزۇقلانغاندىن كېيىن خېجىڭ بازار چاغانتوڭگۈز كەنت ئىككىنجى باشلانغۇچ مەكتەپكە باردۇق.بۇ مەكتەپ ناھىيە بازىرىدىن 14 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى.چەتراق مەكتەپ دىيىشكە بولاتتى.مەكتەپتە ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپلەردەك رەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى ۋە تەنتەربىيە مەيدانى يوق ئىدى.ئاددىي سېلىنغان كېسەك ئۆي ۋە قۇرۇپ كەتكەن مەيدان كۆزگە چېلىقاتتى.قورۇدا بىر نەچچە تۈپ قاراياغاچ بار ئىدى.ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا مەكتەپتە ئادەم يوق ئىدى.ئادەمگە بىر خىل غېرىپلىق تۇيغۇسى بېرەتتى.بىر سىنىپقا كىردۇق،تاملارنىڭ سوۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن.پارتا –ئورۇندۇقلار ئادەمگە قېرىپ كاردىن چىققان بىر بوۋاينى ئەسلىتەتتى.دوسكىنىڭ بىر نەچچە پارچىسى ساڭگىلاپ قالغان ئىدى.بۇلارنى كۆرۈپ يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداقمىدۇ،بۇ يەردىكى بالىلار شەھەردىكى بالىلارغا قارىغاندا ئەركىنراق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.بىز مەكتەپنى ئايلانغاچ سۈرەت تارتىپ ،مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى جوشۇەن خانىمغا تېلىپون ئارقىلىق دوكلات قىلدىم.ئاخىرى بىز مۇشۇ مەكتەپنى ياردەم بېرىش ئوبىكتى قىلىپ تاللىدۇق.ئاندىن مەكتەپنى رېمىنۇت قىلىش ۋە مۇستەھكەملەشكە كېتىدىغان خىراجەتنى مۆلچەرلىدۇق.تەخمىنەن يۈز مىڭ يۈەن كېتىدىغاندەك قىلاتتى.مەن ئەمىلى ئەھۋالنى جوشۇەن خانىمغا مەلۇم قىلدىم.قېرىشقاندەك ئۇنىڭ ئادۋۇكات دوستى ئۆزىنىڭ ئاتاپ قويغان پۇلىنى ئاللىقاچان باشقا جايغا ئىئانە قىلىۋەتكەن ئىكەن.جوشۇەن خانىم قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي ھەممە پۇلنى ئۆزى چىقىرىدىغانغا قارار بەردى.ئارقىدىن جوشۇەن بىر توختام تەييارلاپ ،مېنى ئوتتۇرىغا كىرىپ مەكتەپ بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باغلاپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن توختامغا ئىمزا قويىدىغان ۋەكىل قىلىپ بەلگىلىدى.
    كېلىشىمگە ئاساسەن جوشۇەن خانىم ئىئانە قىلىدىغان پۇلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ تۆلەيدىغان بولدى.بىرىنجى قېتىملىق پۇلنى 2007-يىلى 12-ئايدا ،ئىككىنجى قېتىملىقىنى 2008-يىلى  2-ئايدا نەقلەشتۈرۈپ بەردى.ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم ئەھۋاللاشتۇق،ئۇ پۇلنىڭ سەرپ قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى.مەن ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ ئۇنىڭ ئىئانە پۇلنىڭ دەل جايىغا ئىشلىتىش ئىشلىتىلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم.شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن پۇلنىڭ ئىشلىتىش جەريانىنى نازارەت قىلىش قارارىغا كەلدىم.ئۇ ناھايىتى خوش بولدى.گەپ ئېغىزدىن چىققان ئىكەن ئەمەل قىلىش كېرەك.مېنىڭمۇ سەھرالارغا بارغۇم كېلىپ تۇراتتى.شۇڭا مەن ئىش ئورنىغا بېرىپ نازارەت قىلىشنى باشلاشنى قارار قىلدىم.بۇ 2008-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى ئىدى.مەن ئاۋال مەكتەپنىڭ مۇدىرىغا مەكتەپكە بېرىپ بىر ھەپتە تۇرىدىغانلىقىمنى مەلۇم قىلدىم.قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن مېنى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى  بىرەر دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلار دەپ تاپىلىدىم.ئاندىن ئىدارىدىن دەم ئېلىش رۇخسىتى ئېلىپ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سومكامنى يۈدۈپ خېجىڭغا بارىدىغان پويىزغا چىقتىم.بىر كېچىلىك جاپادىن  كېيىن مەنزىلگە يېتىپ كەلدىم.مەكتەپ مېنى مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ھەسەنجان ئىسىملىك دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.
مەن ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل ئىش مەيدانىغا باردىم.شۇ چاغدا قۇرۇلۇشنىڭ 60% تى تاماملىنىپ بولغان ئىدى.يىراقتىن قارىماققا ئادەمنى خېلى ياخشى تۇيغۇ بېرەتتى.لېكىن يېقىن كېلىپ قارىسا كۆڭۈلگە ياقمايدىغان يەرلەر ئاشكارا بولۇپ قالاتتى.بۇ قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ ئىشنى ناھايىتى قوپال قىلغان بولۇپ سۇۋىغىلى نەچچە كۈن بولمىغان سوۋاقلار چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى.ياتاقنىڭ پەلەمپەيلىرى ئىشلەتمەي تۇرۇپ دەز كەتكەن ئىدى.ئارىدا يەرلىك دېھقانلار ماڭا بۇ قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ماتىريال ئوغرىلاش ،مىقدارىنى ئاز ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ بەكمۇ ئېغىرلىقىنى مەلۇم قىلدى،ئۇلارنىڭ خىزمىتى ھەتتا مۇشۇ دېھقانلارغىمۇ ياقمىغان ئىدى.مەن قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىدىن ماتىريال تىزىملىكىنى بولغان گەپلەرنىڭ راستلىقىنى ھىس قىلدىم.ھۆددىگەر بىلەن سۆزلەشكەن بولساممۇ ئۈنۈم بولمىدى.شۇڭا ئاچچىقىمدا ئۇلارنى ھەيدىۋەتتىم.قايتىدىن قۇرۇلۇش ئەترىدى تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدىم.لېكىن بۇ ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى.ئىككىنجى كۈنى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى مەنى ئىزلەپ كېلىپ سەمىيمىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدى.قۇرۇلۇشنى مەن رازى بولغۇدەك دەرىجىدە قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى.مەن ماقۇل بولدۇم.كېيىنكى نەچچە كۈندە قۇرۇلۇش ئەترىدى خىزمەتنى بەكمۇ ئەستايىدىل قىلدى.قارىغاندا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.
  چاغانتوڭگۇز كەنتى  تىنىچ ۋە ئاددىي بىر كەنت ئىدى.تۆتىنجى ئاينىڭ ئەتتىگىنى بىر قولۇمدا پوتو ئاپىرات ،بىر قولۇمغا سىنئالغۇ كۆتۈرۈپ ،قۇلۇقىمغا ئاڭلىغۇچ قىستۇرۇپ ‹‹بەختلىك يۇرتۇم ››دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ كەنتنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ يۈرەتتىم.كەنتنىڭ ئاسمىنى شۇنداق كۆپ ۋە ئىگىز ئىدى.بىر نەچچە تال بۇلۇت ئاق شايىدەك لەيلەپ يۈرەتتى.قۇشلاي سايرىغان پېتى پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.ئېتىزلىق ئارىسىدا دېھقانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتىم.ئۇلار ماڭا ھەيرانلىق قاراپ قالاتتى.دەسلەپتە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارمۇ ماڭا يىراقتىن نەزەر سېلىشتى.ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى قىزىقىش ۋە ھەيرانلىقنى سېزىپ تۇراتتىم.مەن ئامال قىلىپ ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىشقا ،ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە تىرىشتىم.تۆتىنجى كۈنى ئەتىگەندە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار مەن بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن بۇ مەكتەپتە ئون ئايال ئوقۇتقۇچى .بىر ئەر مۇدىر ،90 نەچچە ئوقۇغۇچى بارلىقىنى ئۇقتۇم.ئۇلار مەندىن دائىم تاشقى دۇنيانى سۈرۈشتۈرەتتى.مەنمۇ ئۇلارنىڭ قۇچىقىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ ئىلگىرى سەزمىگەن شاتلىققا ئېرىشتىم.
    يۈز مىڭ يۈەنلىك بۇ قۇرۇلۇش  ناھايىتى تىزلا مېنىڭ نازارەتچىلىكىمدە پۈتۈپ قالدى.جوشۇەن ئىئانە قىلغان پۇلدىن يىگىرمە مىڭ يۈەن ئېشىپ قالغان  ئىدى.ئارىلىقتا بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ كومپىيۇتۇرنىڭ پارىڭىنى سالسام ئۇلار بەكمۇ ھەيران قالغان ئىدى.ھەممىسىكومپىيۇتۇرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ كومپىيۇتۇرى يوق ئىدى.شۇ چاغدا كاللامدىن بىر خىيال ئەگىپ ئۆتتى.ئاشقان پۇلغا كومپىيۇتۇر ئېلىپ بەرسەم قانداق بولار؟ مېنىڭچە ياخشى بولىدۇ.بۇ ئويۇمنى جوشۇەن خانىم بىلەن ئورتاقلاشتىم.ئۇ قوشۇلدى.شۇنىڭ بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئاشقان پۇلغا بەش كومپىيۇتۇر سېتىۋالدىم.بالىلارنىڭ تاشقى دۇنيانى چۈشۈنىشى ئۈچۈن  كومپىيۇتۇر سىنىپى قۇرۇپ بەردىم.بالىلار ناھايىتى خوشال بولدى.مەن ئۇلارنىڭ ماڭا تىكىلگەن كۆزىدىن ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئويلاۋاتقان نەرسىللىرىنى ھىس قىلدىم.
كېيىن مەن يەنە مۇدىر بىلەن بىرگە  ئۈچ مىڭ يۈەن خەجلەپ مەكتەپنى يېشىللاشتۇرۈش ئۈچۈن گۈل ۋە مايسا سېتىۋالدىم.يېشىللاشقاندىن كېيىنكى مەكتەپنىڭ گۈزەل تۇرقىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم.مايسا ۋە گۈللەر مەكتەپكەر يېتىپ كەلدى.ئەسلىدە يەرلىك كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ كۆچەت ۋە گۈللەرنى مەكتەپ قوراسىغا تىكىپ چىقاي دېگەن بولساممۇ ھىچكىم ئاۋاز قاتمىدى.مەن مەكتەپ مۇدىرىغا قاراپ ‹‹ئىشچىلارنىڭ ياردەم قىلمىغانلىقىنى توغرا چۈشۈنەي،لېكىن ئاتا ئانىلار نىمىشقا ياردەم قىلمايدۇ،مەكتەپ يېشىللاشقا راھەت كۆرىدىغىنى ئۇلارنى بالىللىرىغۇ ››دەپ قاقشاپ كەتتىم.مۇدىر بىر دەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ‹‹ئامال يوق ،پۇل بەرمىسەك بولمايدۇ ››دېدى.
-دېھقانلىرىڭلار بىركۈن ئىشلىسە قانچە پۇل ئالىدۇ ؟-دەپ سورىدىم.
-ئەللىك يۈەن ،-دەپ جاۋاپ بەردى مۇدىر.
-بۇ كۆچەت ۋە گۈللەرنى تىكىشكە بەش –ئالتە ئادەم بولمىسا بولمايدۇ ،مەن ئۇلارغا يېرىم كۈنلۈك ھەق بېرەي ،-دىدىم ئاچچىقلاپ.
-بولىدۇ ،-دېدى مۇدىر ،ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بىر خىل ئامالسىزلىق چىقىپ تۇراتتى.
دەل شۇچاغدا بىر دېھقان كېلىپ مۇدىر بىلەن سالاملاشتى.قارىماققا ئىككەيلەن بەكمۇ تونۇشتەك تۇراتتى.دېھقان مەقسىتىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن ئادەم يىغقىلى كەتتى.كۆپ ئۆتمەي يەتتە سەككىز ئادەم ئەمگەك قوراللىرىنى كۆتۈرگەن پېتى يېتىپ كەلدى.يېرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھەممە كۆچەتنى تىكىپ بولدۇق.لېكىن كۆچەت ۋە گۈللەر ئەي بولامدۇق يوق مېنىڭ ئىشىم ئەمەس ئىدى.ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۆتلىرىدىن كۆچەت ۋە گۈل ئېلىپ كەلدى.ھەتتا بىر كىچىك قىز گۈل ئۇرۇقى كۆتۈرۈپ كەپتۇ.بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىدى.يېشىللاشقاندىن كېيىنكى مەكتەپ ھەقىقەتەن بىر گۈلزارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.بالىلار ئۇ يەردە خوشاللىق بىلەن ئويناپ يۈرەتتى.ئۇلارغا قاراپ مۇدىر بىلەن مېنىڭ كۆڭلۈم باشقىچە شاتلىنىپ كەتتى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە 6-كۈنىدىكى ۋەقە بولسا كېرەك.ئەتىگەندە مەكتەپكە چىقتىم.كېتىۋېتىپ يېڭىلانغان بىر سىنىپتا ئوننەچچە ياشتىكى بىر بالىنىڭ يېڭىلانغان ئورۇندۇقنى قۇچاقلاپ چۆچەكلەردىكىدەك خىيالغا چۆككەنلىكىنى كۆردۈم.مەن ئۇنىڭ مۈرىسىنى يېنىك شاپىلاقلىدىم.ئۇ ھەيران قالغان ۋە چۆچىگەن ھالدا ماڭا قارىدى.مەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇنىڭدىن :
-مۇشۇنداق كەيپىيات ۋە مۇھىتتا ئۈگۈنۈش قىلىشنى ياخشى كۆرەمسەن ؟-دەپ سورىدىم.
-ياخشى كۆرىمەن ،-دىدى ئۇ خىجىل بولغان ھالدا ،-بۇنى سىز قىلىپ بەرگەنمۇ؟
              -بېيجىڭدىكى بىر دوستۇم پۇل چىقارغان ،مەن ياردەملەشكىلى كەلدىم خالاس ،-دىدىم.
            -ئىشەنمەيمەن ،بۇ ئىشنى سىز قىلغان،بولمىسا ھەركۈنى بۇ يەردە نىمىش قىلىسىز ،-دىدى ئۇ  كۈلگىنىچە يانچە قاراپ .
             سۈكۈت قىلىش ئەڭ توغرا تاللاش ئىدى.بۇ بالىنى بوش چاغلىغىلى بولمايتتى.شۇڭا مەن ھىچقانداق ئىزاھات بەرمىدىم.
                ۋاقىت شۇنچە تىز ئۆتكەن بولۇپ سەككىز كۈن بىر دەمدە ئاخىرلاشتى.قۇرۇلۇش جەريانىنى نازارەت قىلىش بەكمۇ قىيىن ئىش ئىدى.مەن بۇ جەرياندا ھوددىگەر ۋە مەكتەپ بىلەن نەچچە قېتىم سۈركىلىشتىم.نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردۈم.لېكىن يۈز مىڭ يۈەنلىك قۇرۇلۇشنى سەكسەن مىڭ يۈەنگە پۈتتەردىم.ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا كۆڭلۈمدە ئۇنتۇلماس تەسىرلەر قالدى.ئۇلارغا كومپىيۇتۇرخانا قۇرۇپ بەردىم.ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى يېڭىلىدىم.مەن يېڭىلانغان سىنىپ ۋە ياتاقلارغا قاراپ ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار نىڭ خوشاللىقىدىن بۇ پۇلنى شۇنداق خەجلىگەنگە رازى بولدۇم.
مەكتەپ ھويلىسىدىكى بىر پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.خېجىڭ ناھىيەسى تاغلىق جاي بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىز ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ چۈشىشى كۈچلۈك جاي ئىدى.شۇڭا يەرلىكلەرنىڭ تېرىسى قارىغا مايىل قىزىل ئىدى.مەن ئۇلار بىلەن پەرقىم قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.يۈزۈم قارايغان ،كالپۇكۇم يېرىلغان ،پۈتۈن بەدىنىم قۇرغاقچىلىق دەستىدىن بىئارام بولۇشقا باشلىغان ئىدى.بەلكىم ھېرىپ كەتكەن بولۇشۇم مۈمكىن.ئەسلى ئىككى كۈن چىقىرىپ دېھقان بولۇشنىڭ ،ئۇلار بىلەن بىللە ياشاشنى تەمىنى تېتىپ باقاي دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن  كەلگەن پېتى سەككىز كۈن تۇرۇپ قالدىم.لېكىن ھەركۈنلۈك خىزمەت مىقدارى بەكمۇ جىق ئىدى.مەن ئۆزۈمنى يىقىلىپ قالغىلى ئاز قالغاندەك ھىس قىلدىم.لېكىن يېڭى تۈسكە كىرگەن مەكتەپنى كۆرگەندە ھارغىنلىقىم شۇھامان يوق بولۇپ كەتتى.
  كېتىدىغان كۈنى كەچتە كەنت باشلىقى ۋە ھەسەنجان ماڭا خوشلىشىش زىياپىتى بەردى.تاماق جەريانىدا بىز نۇرغۇن گەپلەرنى دىيىشتۇق.كېتىش ئالدىدا ھەسەنجان يېنىمغا كېلىپ ماڭا تاماكا تۇتتى.ئۇنىڭ بىر نەرسە دىگۈسى باردەك قىلاتتىيۇ ھىچنىمە دىمەيتتى.ئۇ ئاخىرىدا ئېغىز ئاچتى:
-سىز بۇ يەرگە  كېلىپ نۇرغۇن ئىش قىلىپ  بەردىڭىز .بىز كۆڭلىمىزدە بىلىمىز.كەنتىمىزگە ئىلگىرى بۇنداق ئىئانە بېرىدىغان ئادەم كېلىپ باقمىغان.سىزدىن بەكمۇ رازى بولدۇق.دېھقانلارنىڭ جەمىيىتىمىزنىڭ ئاساسى،ئۇلارنىڭ كۈنى ياخشىلانسا بالىلىرىمىزمۇ ياخشى مۇھىتتا ئوقۇيالىغان بولاتتى.
-سېنىڭ بۇ گېپىڭ قۇلۇقىمغا بەك تونۇش،مەن بۇ گەپنى تېلىۋۇزۇردا ،گېزىتتە جىق كۆرگەن.سەن ئاددىي دېھقان ئەمەسكەنسەن ،-دىدىم.
-لېكىن ،-ھەسەنجاننىڭ گېپى توختاپ قالدى،
-لېكىن نېمە بولدى؟-سورىدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ،-گەپ بولسا دە.
-بىز يەنە سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج.كەنتىمىزدە سۇ قىس.بۇ ئىش كەنتىمىزنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ يەتتىنجى ۋە سەككىزىنچى ئايدا بەك قىينىلىمىز.سۇتۇتۇشقا ئۆچىرەپ بولۇپ كېتىمىز.يامغۇر ياغمىغان كۈنلىرى ئىش تېخىمۇ چاتاق.بىزگە بىر قۇدۇق قېزىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدىم.ئۇنى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئۇيلىمىغان ئىكەنمەن،سۇ قىس بولسا نېمە كارىم،مەن بۇ يەرگە دوستۇمغا ياردەملەشكىلى كەلگەن خالاس.ئۇندىن باشقا مەندە ئۇنچىلىك ئىقتىدار يوق.قۇدۇق قېزىپ بېرەي دېسەممۇ ئىمكانىم يوق.قىلىدىغان ئىش تۈگىدى ،ئەمدى كېتىپ قالسام بولىدۇ.مۇشۇلارنى خىيال قىلدىم.شۇ چاغدا ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلاردىن بىر قۇدۇقنى پۈتۈش باھاسىنى سورىغىنىم ئېسىمدە.سەكسەن مىڭ يۈەن كېتەتتى دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ.ئەتىسى ئەتىگەن بازار باشلىقى ئۇزاتقىلى كەلدى.مەن بۇ يەردىكى سۇ قىسلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالدىم.كەنت باشلىقى ماڭا:
-ھەقىقەتەن سۇ قىس،شۇڭا زىرائەت ئوخشىمايدۇ.دېھقانلارنىڭ باشقا كىرىمى يوق.ئاران كۈن ئالىدۇ.ئۇلار ھەتتا ئۇرۇق .ئوغۇت قاتارلىقلارنىمۇ بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئالىدۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا يامغۇر ياغماي مەھسۇلات كەملەپ كېتىپ بانكىنىڭ قەرىزىنى تۆلىيەلمەي قەرز ئالالماس بولۇپ كەتتى.ئۇلار بىر قۇدۇققا مۇھتاج ،-دىدى.
- بىر قۇدۇق قېزىشقا قانچە پۇل كېتىدۇ ،-دەپ سورىدىم.
-تەخمىنەن يۈز مىڭ يۈەن ،-دەپ جاۋاپ بەردى بازار باشلىقى.
يۈز مىڭ يۇەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خىل تۇيغۇدا چاغانتونگۈس كەنتىدىن ئايرىلىپ ئۆيۈمگە ياندىم.خوشۇەن خانىمغا بولغان ئىشلارنى دوكلات قىلغاچ ھىچقانداق مەقسەتسىز  قۇدۇق ھەققىدىكى گەپنى تىلغا ئېلىپ سالدىم.شۇ چاغدا ئۇ جىم بولۇپ كەتتى.مەنمۇ نىمىشقا بۇ گەپنى دېگەندىمەن دەپ تەڭقىسلىقتا قالدىم.ئۈچ كۈندىن كېيىن جوشۇەن خانىم ماڭا تېلىپون ئۇردى.ئۇ ماڭا ئۇنچە كۆپ تېلىپون ئۇرمايدىغان بولغاچقا ھەيران قالدىم.
-ئۇلارغا بىر قۇدۇق قېزىپ بېرەيلى ،-دىدى ئۇ.
-بولدىلا ،سىز ئۇلارغا ئاللىقاچان يۈز مىڭ يۈەن ياردەم قىلىپ بولدىڭىز.يەنە قۇدۇق قېزىپ بېرىمەن دىسىڭىز ئادەم تەڭقىسلىقتا قالىدىكەن.
-كېرەك يوق،ئۇلار ياخشى كۈن كۆرەلەيدىغان ئىش بولسا مەيلى،سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم،بىر قۇدۇق قېزىشقا  سەكسەن مىڭ يۈەن كېتىدىكەن.
ئۇ مېنىڭ كەنت باشلىقى بىلەن ئالاقە قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تەييارلاپ ،خامچوت قىلىشقا ئۈندىدى.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدىم:
-سىز پۇل چىقارسىڭىز مەن قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلاي.
-ئەمىسە گېپىمىز گەپ ،-دېدى ئۇ.
-چاتاق يوق .  مەن قۇرۇلۇش باشلىغاندىن تارتىپ قۇدۇقتىن سۇ ئېتىلىپ چىققۇچە شۇ يەردە بولىمەن.بۇ ئىش مەكتەپ رېمىنۇت قىلىش بىلەن ئوخشىمايدۇ.مەن باشتىن ئاياق نازارەت قىلمىسام ئازراق چاتاق چىقسا ھەممە ئىش نۆلگە تەڭ بولىدۇ.
-ئۇنداق بولمايدۇ ،-دىدى ئۇ ماڭا تەسەللى بېرىپ.
ئۇنىڭ گېپىدىن ماڭا ئىشەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.شۇڭا مەن ھەپتە ئاخىرىدا چاغان توڭگۈز كەنتىگە بېرىپ يېزا باشلىقى ۋە كەنت باشلىقىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەمىلىي تەكشۈرۈشتە بولدۇم.قۇدۇق ئورنىنى بېكىتتىم.قۇدۇق قازغۇچى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشتىم.ئارىدا مەن يېزىدىكىلەرگە قۇدۇق قېزىلغاندىن كېيىن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى دېھقانلاردا بولىدۇ دەپ تەلەپ قويدۇم.ئۇلار قېتىلدى.ئاندىن كېيىن جوشۇەن خانىم 80 مىڭ يۈەن راسخوتنى يېزا مالىيەسىنىڭ ھىسابىغا كىرگۈزۈپ بەردى.كەنتتىكىلەر مەكتەپنى رېمىنۇت قىلىپ بەرگەن جو خانىمنىڭ قۇدۇق قېزىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوشال بولۇشتى.
2008-يىلى  15-ئىيۇن قۇرۇلۇش باشلاندى.7-ئاينىڭ بېشىدا چوڭقۇرلىقى 83 مېتىر كېلىدىغان ،80 مىڭ يۈەن پۇل كەتكەن قۇدۇق قېزىپ چىقىلدى.قۇدۇق پۈتكەن كۈنى ھەممە ئائىلە بايرام قىلدى.ھەر بىر ئائىلە ئون يۈەن پۇل چىقىرىپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.بۇ كەنت تارىخىدىكى تۇنجى ئىش ئىدى.مەنمۇ يولنى يىراق كۆرمەي 14 ياشلىق ئوغلۇمنى ئېلىپ 500 كىلومىتىر يول بېسىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتىم.ۋەدىلەشكەن ۋاقىتقا بىر سائەت كېچىپ قالدىم.كەنتكە كىرىپلا سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ بىزنى كۈتۈپ تۇرغان كەنت ئاھالىسىنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلاندىم.
-ئەمدى قۇدىقىمىز بار مەھسۇلات كەملەپ كەتمەيدۇ،قەرزىمىزنى قايتۇرۇپ قەددىمىزنى تىكلەيمىز ،-دىيىشەتتى كەنت ئاھالىسى.
-كەنتىمىزدە 160  ئائىلە ،مىڭ مو يەر بار .زىرائەتلەرنى بەش قېتىم سۇغارساق ئاندىن مولھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.ئەمدى قۇرغاقچىلىقتىن قورقمايدىغان بولدۇق.بۇ يىل ھەممىمىز مول ھوسۇل ئالىدىغان بولدۇق.ھەممىسى قۇدۇقنىڭ تۆھپىسى ،-دىيىشەتتى ئۇلار يەنە.
ئۇلار پولۇ تەييارلىغان ئىدى.ھەممەيلەننىڭ ئالدىغا بىر قاچىدىن سۇ قويۇپ قويۇلغان ئىدى.تاماق بار يەردە چاي بولىدۇ.لېكىن بۈگۈن تاماق بار چاي يوق ئىدى.ئورنىغا سوغۇق سۇ قويۇلغان ئىدى.مەن ھەيران بىلەن بازار باشلىقىغا قارىدىم:
-كەنتتىكى ئاقساقاللار بۇگۈن چاي ئىچمەي قۇدۇق سۈيى ئىچىمىز ،شۇ ئارقىلىق مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز دەپتۇ.ئۇلار ھازىر كەنت ئاقساقىلىنى ساقلاۋاتىدۇ.
بىر دەمدىن كېيىن ئاقساقال يېتىپ كەلدى.ئۇنىڭ باش ئىشارىسى بىلەن تاماق تارتىلدى.ھەممەيمەن خوشاللىققا چۆمدى.مەن قاينام تاشقىنلىق بۇ كەيپىياتقا قاراپ ئۆزۈمدىن ،جوشۇەن خانىمدىن پەخىرلىنىپ قالدىم.
كىشىلەر رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ۋە بۇ ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شەپقەتچىسى جوشۇەن خانىمغا بىر ئابىدە تىكلىدى.ئابىدە تاشقا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدا جوشۇەن خانىم قۇدۇقى دېگەن سۆزلەر ئويۇلدى.ناھىيە جوشۇەن خانىمغا پەخرى پۇقرا نامىنى بەردى.كەنتتىكىلەر جوشۇەن خانىمنى مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى.لېكىن ئۇ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن كېلەلمىدى.مەن كەنتتىكىلەرگە جوشۇەن خانىمنىڭ ئادرېسىنى بەردىم.ئۇلار قۇدۇق ئەتراپىدا ئوننەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ ،ھەممە كەنت ئاھالىسى ئىمزا قويۇپ جوشۇەن خانىمغا رەھمەت خېتى ئەۋەتتى.بۇ ئېغىر خەتنى تاپشۇرىۋالغان جوشۇەن خانىمنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.مەنمۇ بۇ ئىش تۈپەيلىدىن بۇ ناھىيەدىكى مەشھۇر شەخسكە ئايلاندىم.ھەسەنجان بولسا مۇشۇ تۆھپىسى ئۈچۈن كەنت تۆتىنجى ئەترەتنىڭ باشلىقلىقىغا قايتا سايلاندى.بىزنىڭ بۇ قۇدۇق ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمىز كەنتتىكىلەرنىڭ سۆھبەت تېمىسىغا ئايلاندى.
بىر پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇش خىيالى قۇدۇق قېزىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن ئىدى.ھېلىمۇ ئېسىمدە ،مەكتەپنى رىمۇنىت قىلىپ يانغاندىن كېيىن مېنىڭ قول ئاستىمدىكى بىر بۆلۈم باشلىقى ،ئۆزىنى پىدائىيلىققا بېغىشلىغان ،لېكىن ھەممە ئىشنى ئىنتايىن تۆۋەن مۇقامدا ئېلىپ بارىدىغان بىرەيلەن قىلغانلىرىمنى ئاڭلاپ ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى ۋە ھاياجان بىلەن:
-سىزنىڭ خېجىڭدا قىلغانلىرىڭىز رەسمىي پىدائىيلىقتۇر ،-دېدى.
-ئۇنداقتا بولسا بەك ياخشى بوپتۇ –دىدىم مەن شاتلانغان ھالدا .
كېيىن خېلى مەزگىلگىچە خېجىڭدىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭ سېلىشىپ يۈردۇق.ئۇلار بىر پىدائىيلار تەشكىلى قۇرۇپ جامائەتكە پايدىلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش تەكلىپى بەردى.يالقۇن دېگەن ئىسمىمنىڭ مەنىسىنى ھەممەيلەنگە ئايان.مەن بۇ يالقۇننى تېخىمۇ ئۇلغايتىشىم كېرەك.
دوستلىرىمنىڭ ياردىمى ۋە ئوتيۈرەك كىشىلەرنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە بىزنىڭ كىچىك تەشكىلىمىز 2008-يىلى 1-ئايدا رەسمىي ئىشقا چۈشتى.ئىسمى يېزا-كەنت مەكتەپ پىدائىيلار تەشكىلاتى بولدى.ئېنگىلىزچىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئاساسەن ئۇنى VSV دەپ ئاتىدۇق.تور ئادرېسىمىز www.xjvsv.org   بولدى،ئۇنىڭ خىزمەت نىشانى ئۆز رازىلىقى بىلەن ھەق تەلەپ قىلماي ،باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن باراۋەر ئاساستا ئۇيۇشۇپ ،خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە ياردەم بېرىش بولدى.ئەزالىرىمىز مەمۇر،كارخانا باشقۇرغۇچى ،بانكىر ،ئوقۇتقۇچى ،دوختۇر،مۇخبىر ،كارخانا خىزمەتچىسى ،ئوقۇغۇچى ،دېھقان قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپتى ۋە ھەرساھە كىشىللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئوت يۈرەك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ يەتتە يۈزمىڭ يۈئەن  ئىئانىگە ئېرىشتى.27 كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە كومپىيۇتۇر سىنىپى قۇرۇپ بەردى.270 كومپىيۇتۇر ،180 ئۈستەل سەپلەپ بەردى.ئۈچ كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيىگە تېلوۋۇزۇر ،د.ۋ.د ،كومپىيۇتۇر قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى.132 ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلىدى.ئۇندىن باشقا بىر مەكتەپنى رىمۇنۇت قىلىپ ،بىر كەنتكە قۇدۇق قېزىپ بەردى.تەننەرقى سەككىزمىڭ يۈەن كېلىدىغان كىتابتىن 600 پارچىنى ئىئانە قىلدى.بىر يەنە بىر نەچچە مەكتەپنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلىشىغا قاتنىشىپ پائالىيەت دائىرىمىزنى كېڭەيتتۇق.
يول شۇنچە يىراق ،لېكىن مۇھەببەت ئىنتايىن چوڭقۇر دېگەن گەپنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.مەن پىدائىي دېگەن ئاتالغۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.بۇندىن كېيىن قانداق ئىشقا دۇچ كېلەيلى يولداشلىرىم بىلەن بىرگە يولىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.ئىشىنىمىزكى بىز ياققان بۇ ئوت ھەرساھە كىشىللىرىنىڭ ياردىمىدە گۈلخانغا ئايلانماي قويمايدۇ.


ئاپتۇرى يالقۇن ئوسمان
تەرجىمە قىلغۇچى بەرقى