گۇاڭدوڭلۇق پۇلدار شەخسي تىك ئۇچار بىلەن ئوغرىنى قوغلىدى

2010-07-16 11:37:40   باس - باس تورى   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

گواڭدوڭ دوڭ گۈەن شەھىرىدىكى لىيۇ فامىلىلىك پۇلدار تۈنۈگۈن ئىككى بۇلاڭچىنىڭ يولوچىلارنىڭ سومكىلىرىنى بۇلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ يولى، ھاۋادىكى ھەممە "شەخسىي قوراللىرىنى" قوزغىتىپ، Porsche ماركىلىق ماشىنا  ، تىك ئۇچار ئايروپىلان، كاتىرلار بىلەن" قوغلاپ زەربە" بەردى. 3 سائەت قوغلاش ئارقىلىق، ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ كەچ سائەت 9 لاردا بۇلاڭچىلار تۇتۇلدى.

دەسلەپ ئۇ Porsche ماركىلىق ھەشەمەتلىك ماشىنىسى بىلەن 3 كلومېتىردەك قوغلىدى. بىر بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئوغلى ۋە ئوغلىنىڭ شەخسي تىك ئۇچار ئايروپىلانى تەرىپىدىن تۇتۇلدى، يەنە بىرى، ئاخىرى قاچىدىغان يول قالماي سۇغا سەكرەشكە مەجبۇر بولدى.

لىيۇ ئەپەندى ئالدى-كېيىن بولۇپ ئۆزىنىڭ ماشىنا، تىك ئۇچار ۋە كاتىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ، شۇ يەرلىك ساقچى، قوراللىق بۆلۈم، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، 3 سائەتتە بۇ بۇلاڭچىلارنى تۇتتى. نۆۋەتتە، شۇ يەرلىك ساقچىلار بۇلاڭچىلارنىڭ قاتتىق سوراق قىلىۋاتىدۇ.