قەشقەر شەھىرى ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلاڭ!

2010-07-14 16:20:24   تەڭرىتاغ تورى   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

        قەدىمىي شەھەر قەشقەر يېقىندا ‹‹جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرى››نى توردا بېلەت تاشلاپ باھالاشتا ، 100 نامزات شەھەر ئىچىدىن بىرىنچى باسقۇچتا تاللىنىپ ، ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىردى . بۇ گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان ، جۇڭگو خەلقارا رادىئو ئىستانسىسى خەلقارا تور لىنىيەسى باشقۇرغان ‹‹2010–يىللىق جۇڭگودىكى شەھەرلەر سەھنىسى — پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرىنى كۆرسىتىش›› پائالىيتى بولۇپ ، ھازىر ئىككىنچى باسقۇچلۇق توردا بېلەت تاشلاپ ، ئالدىنقى 20 كۈچلۈك شەھەرنى تاللاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . كەڭ تورداشلار 28–ئىيۇندىن 16–سېنتەبىرگىچە توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ، ھازىرقى 50 شەھەر ئىچىدىن 20 كۈچلۈك شەھەرنى تاللاپ چىقىدۇ . 27–سېنتەبىردىن 26–نويابىرغىچە تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھا بېرىپ بېكىتىشى ئارقىلىق 10 شەھەر تاللاپ چىقىلىپ ، ‹‹ پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرى›› دېگەن شەرەپ بېرىلىدۇ .
    ھازىر قەشقەر شەھىرى 1335 ئاۋاز بىلەن 50 شەھەر ئىچىدە 25–ئورۇندا تۇرماقتا . ئەگەر سىز ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن كۆرسىتىلگەن قەشقەر شەھىرىنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، http://chinesecity.cri.cn/ دېگەن تور ئادرېسقا كىرىپ ، ‹‹قەشقەر›› ئاستىدىكى ‹‹بېلەت تاشلاش›› كاتەكچىسىنى چەكسىڭىزلا قەشقەر شەھىرىگە بىر بېلەت تاشلىغان بولىسىز.
   ھەممىمىز بىرلىكتە گۈزەل قەشقەرنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى 10 كۈچلۈك ساياھەت شەھىرى›› دېگەن شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرايلى !