چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراف خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئەنگىلىيەدىكى بىر ياۋايى ھايۋانلار مۇتەخەسسىسى ئافرىقا شىرى بىلەن بىرلىكتە ئىناق ياشىغان . ئەسلىدىكى ئاجايىپ ۋەھشىي ئافرىقا شىرى ئۇنىڭ ئالدىدا مۇلايىم ھەم نازاكەتلىك ‹‹ مۈشۈك›› كە ئوخشاپ قالغان بولۇپ ، بۇ ئىش كىشىنى ھەم ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم خۇشال قىلىدۇ.