قىرغىزستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى قۇرۇلدى

2010-06-08 11:35:39   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قىرغىزستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئاز سوممىلىق  قەرز پۇل شىركىتى قۇرۇلدى

      دۆلەت يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، قىرغىزستان ھۆكۈمىتى ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى قۇرۇشنى پىلانلىدى. قىرغىزستان تەرەققىيات فوندى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ماكسىم باقىيېۋ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات فوندىدىن 50 مىليون سومنى ئاجرىتىلىپ، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل خەزىنىسى قۇرۇلىدۇ. بۇ پىلاننى يۈرگۈزۈشتىن مەقسەت، دۆلەت يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پاراۋانلىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ مالىيە مەبلىغىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
      قىرغىزستان تەرەققىيات فوندىنىڭ باشلىقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاز سوممىلىق شىركەت 2010 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. مەزكۇر شىركەتنىڭ كەسپىي دائىرىسى دۆلەت ئىچى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، قىرغىزستاننىڭ چەت - ياقا رايونلىرى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مالىيە مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. قەرز پۇل ئۆسۈمى دۆلەتنىڭ باشقا ئاز سوممىلىق قارز پۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆسۈمىدىن %11- %8 تۆۋەن.