قىرغىزستان ئۆزبېكىستانغا بېرىدىغان تەبىئىي گاز قەرزىنى تەلتۆكۈس قايتۇرۇپ بولدى
قىرغىزستان تەبىئىي گاز پاي شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئۆزبېكىستانغا بېرىدىغان ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىم قەرز پۇلىنى قايتۇرغاندىن كېيىن، قىرغىزستان تەبىئىي گاز پاي شىركىتىنىڭ بارلىق تەبىئىي گاز قەرزى تەلتۆكۈس تۈگىدى.
قىرغىزستان تەبىئىي گاز پاي شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 2010 - يىلى دۆلەت ئىچىدىكى تەبىئىي گاز ئېھتىياج مىقدارى مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا، ئۇلار يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ كېلەر يىللىق تەبىئىي گاز تەمىنلەش باھاسى لايىھىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. قىرغىزستان تەبىئىي گاز تارماقلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ خەلقئارا بازار ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تەبىئىي گاز باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.