ئۆزبېكىستاندا قىچا تالقىنى دورىلىرى كەمچىل بولماقتا
قىچا تالقىنىنى يېمەكلىك دورا - دەرمىنى قىلىشقا بولىدۇ، تەمى ئىنتايىن ئۆزگىچە، كۈچلۈك غىدىقلاشچانلىققا ئىگە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىرقەدەر يۇقىرى داۋالاش قىممىتىگە ئىگە، زەھەرنى قايتۇرۇش ۋە مىكروبسىزلاندۇرۇش رولى بار، قان يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش، زىققا كېسىلىنى داۋالاش ۋە چىشقا قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئىگە. داۋالاشتا كۆپرەك قىچا تالقىنى مەلھىمى ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا قىچا تالقىنى دورىلىرى ئۆزبېكىستان ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. لېكىن، ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدىكى دورىخانىلاردا بىرنەچچە ئايغىچە قىچا تالقىنى مەلھىمى كىرگۈزۈلمىدى. تارقىلىشچان زۇكام ۋە ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرى ۋە سەمەرقەند ئوبلاستىدا ئەۋج ئالغاندا، بۇ خىل دورا كەمچىل بولۇپ قالدى، بۇ ھەقىقەتەن بالا ئۈستىگە قازا كەلگەندەك بولدى.
نۆۋەتتە، سەمەرقەند شەھىرىنىڭ كۆپ ساندىكى دورىخانىلىرىدا قىچا تالقىنى مەلھىمىنى تاپماق ئىنتايىن قىيىن بولۇپ قالدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خىل دورىنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. سەمەرقەند شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر نەپەر دورىخانا مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر ئۆزبېكىستان ئاھالىلىرىنىڭ ھەر كۈنى سېتىۋالالايدىغىنى پەقەت قىچا تالقىنى ياكى قىچا تالقىنى چاپلىمىسىلا بولۇپ قالغان، مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر قىچا تالقىنى مەلھىمىنى ئېلىپ كېلەلمىگەن ، بەلكىم پايتەخت تاشكەنت شەھىرىدىمۇ قىچا تالقىنى مەلھىمى قىس بولۇشى مۇمكىن. ھازىر قىچا تالقىنى مەلھىمى ئۆزبېكىستان بويىچە كەمچىل بولماقتا، مەيلى سودا سارايلىرى بولسۇن ياكى دورىخانىلاردا بولسۇن، ئوخشاشلا قىچا تالقىنى سېتىۋېلىش قىيىن بولۇپ قالدى.