قازاقستانغا قارىتىلغان ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش زۆرۈر

2010-06-06 14:27:35   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقستانغا قارىتىلغان ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش زۆرۈر

      روسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى رەسمىي يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى %5 تىن %15 كىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۇقىرىلىدى. گەرچە قازاقستان پاراۋۇز، تۆمۈريول رېمونت ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن 3-2 يىللىق نۆل نىسبەتلىك تاموژنا بېجى مۇددىتىنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل سودىسى ۋاسىتىسىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇقەررەر.
      ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى لى يۈ مۇنداق دېدى: تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى روسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقستانغا ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىش بوسۇغىسىنى ئېگىزلىتىۋەتتى، شىركەت توسۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخنىكا بىلەن مەبلەغ سېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئېكسپورت ۋاسىتىسىنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، روسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ قازاقستانغا ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىشتىكى ئەنئەنىۋى سودا شەكلىنى زەربىگە ئۇچراتقان.
      ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆپلىگەن كارخانىلاردىن ئىگىلىنىشىچە، بازار ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كارخانىلار ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى بازارنى ئېچىش بىلەن بىرگە، تىجارەت ۋاسىتىسىدىمۇ كۆپ مەنبەلىشىشكە يۈزلەنگەن.
      شىنجاڭ شىنجىيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دېڭ جياڭنىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇلازىمەت كۈچلۈك رىقابەت قورالى بولۇپ قالدى. قازاقستان بولسا كارخانىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، ئۆتكەن يىلى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كەسىپ دائىرىسى زور دەرىجىدە تارىيىپ كەتتى. گەرچە يېڭى بازارنىڭ ئېچىلىشى شىركەتنىڭ چەت ئەللەردىكى كەسىپلىرىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى بازىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش كارخانىلارغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇتتى.
      دېڭ جياڭنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركىتىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇلازىمەتنى مەۋقە قىلغان ئاساستا، قازاقستاندا ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى، 6 - ئايدا تىجارەتنى رەسمىي باشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى مەزكۇر شىركەت ئېكسپورت قىلغان 200 گە يېقىن ئاپتوموبىل ئىچىدە %70 ىدىن كۆپرەكى ئۆزبېكىستانغا سېتىلغان. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كارخانىلار يېڭىدىن ئاچقان بازار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %50 ىنى ئىگىلىگەن.
      شاۋلىن ئاپتوموبىلى شىنجاڭ سېتىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ جىجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، شىركىتىمىزنىڭ قازاقستاندا تۇرۇشلۇق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى، بۇ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تاپاۋىتىنىمۇ 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزدى. شىنجاڭ يېما گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چېن چياڭمۇ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاپتوموبىل تىجارىتىدە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىيۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: روسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار تەرتىپ - قائىدىلىرى تۈزۈپ چىقىلمىغان پايدىسىز ۋەزىيەتتە، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات بازار ئېھتىياجى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى مۇقەررەر تەلەپتۇر.