قازاقستاندا قېمىزنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى

2010-05-30 11:08:31   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقستاندا قېمىزنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى

      قازاقستان سانائەت سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ۋلادىمىر شكولنىك ئۆزىنىڭ قېمىز ئېكسپورت قىلىش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2008 - يىلى شكولنىك ئۆز دوكلاتىدا قېمىزچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. لېكىن، بۇ جەھەتتىكى تېخنىكا ۋە بۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ قازاقستاندا قېمىزچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھازىرچە چەكلەپ قويماقتا.
      خەلقئارا بازاردا ئات سۈتى ئاساسەن دورىگەرلىك ۋە ھۆسن تۈزەش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ، قېمىز تەركىبىدە ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان ئەركىن ئىئونلۇق ئامىنو كىسلاتا ۋە باشقا ۋىتامىنلار بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن، غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىچىشىگە ئېرىشمەكتە.
      قازاقستان سۇمرۇغ - قازىنا دۆلەتلىك پاراۋانلىق فوندىغا قاراشلىق ئېكسپورت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىن قازاقستان بويىچە قېمىز ئېكسپورت قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى ئەڭ زور. شكولنىك ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىر ياپونىيە قازاقستاننىڭ قېمىزىنى تۇنجى بولۇپ ئىمپورت قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا، قازاقستان ياپونىيىدىن باشقا يەنە ئامېرىكا ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەت بازارلىرىغا قېمىز ئېكسورت قىلىشنى پىلانلىماقتا.
      لېكىن قازاقستاندىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا ئانچە قىزىقمايدۇ، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا: ھازىر قازاقستاننىڭ قېمىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئىشلىرىدا پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش تەجرىبىلىرى شۇنداقلا تېخنىكىلىرى يېتەرسىز، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان قېمىزنى پەقەت ئۈچ كۈنلا ساقلاشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر چەت ئەللەردىن پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلغاندا، بۇ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىغا نىسبەتەن بەكمۇ قىممەت توختاپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ شكولنىك بۇنىڭغا يەنىلا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: قازاقستان سۈپەتلىك قېمىز ئىشلەپچىقىرىشتىكى ياخشى تارىخىي شارائىتقا، شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تەبىئىي ھاۋا كىلىماتقا ئىگە. دۆلەت ۋە يەرلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىگە قېمىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئېكسپورت قىلىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك.
      ھازىر قازاقستاندا قېمىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىدىن ئاران بىرنەچچىسىلا بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قېمىز مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەگەر پەقەت مۆلچىرى سانلىق مەلۇمات بويىچە قارىغاندا، 1990 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھازىر قازاقستاندا قېمىز ۋە تۆگە سۈتىنىڭ مىقدارى يېرىم ھەسسە دېگۈدەك تۆۋەنلەپ كەتكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، قازاقستان بويىچە جەمئىي 19 چوڭ تىپتىكى ئات فېرمىسى، نەچچە يۈز يەردە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بار بولۇپ، بۇلارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىراتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىمۇ كەينى كەينىدىن ۋەيران بولۇپ، ئات باقارلارمۇ ئازىيىشقا باشلىدى. 1990 - يىلى قازاقستان بويىچە 1 مىليون 626 مىڭ ئات بارىدى، لېكىن 2009 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ سان تۆۋەنلەپ 1 مىليون 397 مىڭ 600 گە چۈشۈپ قالدى.
      قېمىز خام ماتېرىيالى ئادەتتە يەرلىك دېھقانلاردىن سېتىۋېلىنىدۇ، ھەر ئايدا بەش توننا قېمىز ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مىڭ تۇياق ئات بېقىشقا، شۇنداقلا نەسىللىك ئاتلارنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى قازاقستاندا قېمىز ئىشلەپچىقىرىش پەسىل خاراكتېرلىق بولىدۇ.
      قېمىزنى ساقلاش مەسىلىسىگە كەلسەك، قازاقستاندىكى چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى قېمىزنى باكتېرىيىسىز ساقلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان قېمىزلارنى تاللا بازارلىرىدا سېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن قازاقستان گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ لايىھىلەش ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قېمىزنى تاللا بازارلىرىدا سېتىشقا نىسبەتەن قارشى پىكىردە بولۇپ، ئۇلار: مەبلەغ كەمچىل، تېخنىكا پىشمىغان شارائىتتا قېمىز ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سېتىش ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس، قېمىزدىن بەلكىم سۈت پاراشوكى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقرىشقا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.