ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتى سىجىل تەرەققىي قىلماقتا

2010-05-03 11:02:50   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتى سىجىل تەرەققىي قىلماقتا

      شاۋلىن ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىجارەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: »شىركىتىمىز قازاقستاننىڭ چىمكەنت رايونىدا تەسىس قىلغان سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۆتكەن يىلى پۈتۈن يىللىق كىرىمى 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتىپ، ئېشىش نىسبىتى %100 تىن يۇقىرى بولدى«. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
      ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2009 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە %106 لىك ئېشىش نىسبىتىنى ساقلاپ قالدى، پۈتۈن يىللىق ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق بىر قېتىملىق بۇيۇملارغا ئوخشىمايدىغىنى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتى ئاساسلىقى ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىنغاندىن كېيىنكى بازاردا ئىپادىلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئىلگىرى ئاپتوموبىلنىڭ كۆپلەپ سېتىلىشىدىن بولغان.
      ئۈرۈمچى شىنتېچى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ ليۇچىڭنىڭ قارىشىچە، 2009 - يىلى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورتى زور نىسبەتتە ئاشقان، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئىستېمال قىسقىراپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىستېمال بازىرىدا ئاپتوموبىلنىڭ شاللىنىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، ئاپتوموبىلنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زاپچاسلارنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن، ئادەتتە ئاپتوموبىل ئىشلىتىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن رېمونت قىلىنىش مەزگىلىگە كىرىدىكەن.
      شىنجاڭ يېما خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى شىركىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورت بازىرى مۇقىم ئاشماقتا، پۈتۈن يىللىق تىجارەت سوممىسى 30 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ تۈركۈملەپ سېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىدە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بازىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىدۇ.
      ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنا ۋە ئېلېكتر سايمانلىرى ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇقەررەر ھالدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈر. نۆۋەتتە، كۆپلىگەن كارخانىلار ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئېكسپورت قىلىش تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، شۇڭا بىز كارخانىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.