تاجىكىستان قىزلارنىڭ قانۇنلۇق نىكاھلىنىش يېشىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى
2009-09-14 22:43:12 ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى
تاجىكىستان خەلق دېموكراتىيىسى ئەربابلىرى يېقىندا خوجەنت شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندا قىزلارنىڭ قانۇنلۇق نىكاھلىنىش يېشىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى، يەنى قىزلارنىڭ ئەڭ كىچىك نىكاھلىنىش يېشىنى 18 ياش قىلىپ بېكىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. تاجىكىستاننىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئائىلە قانۇنىدا قىزلارنىڭ ئەڭ كىچىك نىكاھلىنىش يېشى 17 ياش قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇندىن ئىلگىرى دۆلەتلىك ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرى كومىتېتىمۇ بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياش ئەر - ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلغانىدى. چۈنكى، كۆپ ساندىكى ئاجرىشىش دەۋالىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قىزلار بەك بالدۇر توي قىلغانلىقتىن، ئۇلار پىسخىكا جەھەتتە تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان.
گەرچە بىر قىسىم كىشىلەر قىزلارنىڭ قانۇنلۇق نىكاھلىنىش يېشىنى كېچىكتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە تاجىكىستاندا بالدۇر توي قىلىدىغانلار بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2009 - يىلى بىرىنچى پەسىلدە تاجىكىستاندا تىزىمغا ئېلىنىپ نىكاھلانغانلار 26 مىڭ 500 جۈپ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %9.5 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىزىمغا ئېلىنىپ ئاجراشقانلارمۇ 1330 جۈپكە يەتكەن.