قىرغىزستاندا بەش ھاراق زاۋۇتى ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا

2009-09-09 03:36:36   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   
T|T:خەت رەزمىرى
      قىرغىزستان ھاراق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ۋە سېتىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، قىرغىزستاندىكى بەش ھاراق زاۋۇتى ئوبوروت مەبلىغى يېتەرسىز بولۇش سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنمەكتە. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىشكېك ھاراق زاۋۇتى، "ئالتىن - ئالكو" ھاراق زاۋۇتى، "ئال - سۇ" ھاراق زاۋۇتى، "سمانوۋ ئالكو" ھاراق زاۋۇتى ۋە "روس ئالكو" ھاراق زاۋۇتىدىن ئىبارەت. بۇ ھاراق زاۋۇتلىرى ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان ئىشتىن توختىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەسىپلىرى بېسىلىپ قالغان ھاراق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتۇر.
      2009 - يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك كۆرگەزمىسىدە، قىرغىزستاننىڭ ھاراق مەھسۇلاتلىرى بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشتى، قىرغىزستان ھاراق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، تەم - پۇرىقى ئەنئەنىۋى، دەپ قارالدى، بۇ ھارقلار برىئاندنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالاقىدار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2009 - يىلى 4 - ئايدا قىرغىزستاننىڭ برىئاند مەھسۇلات مىقدارىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا 44 مىڭ لېتىرغا چۈشۈپ قالدى. پىلان بويىچە ئۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 70 مىڭ لېتىرغا يېتىشى كېرەك بولۇپ، پىلاننىڭ %62.8 ىلا ئورۇنلاندى.