2100 - يىلى قىرغىزستاندىكى مۇزلۇقلار پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن
2009-09-07 00:12:38 ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى
قىرغىزستان دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش ۋە ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئىللىشىنىڭ تەسىرىدە، 2100 - يىلىغا بارغاندا قىرغىزستاندىكى مۇزلۇقلار پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىنكەن. قىرغىزستان ھازىر مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل خەلقئارا كېلىشىملەرگە ئاكتىپ قاتناشماقتا، چۈنكى قىرغىزستان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىسىز مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.
قىرغىزستان گېئولوگىيە ۋە كان بايلىقى مىنىستىرلىكىدىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھازىر قىرغىزستاننىڭ تاغ قىرلىرىدىكى مۇزلۇقلار چوققىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 10 ~ 12 مېتىر، قۇمتۆر ئەتراپىدىكى پىتروۋ مۇزلۇق چوققىسى 70 مېتىر تۆۋەنلەۋېتىپتۇ. قىرغىزستان ئاھالىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا پۈتكۈل يەر شارى ئىللىشىنىڭ مۇزلۇقلارغا بولغان تەسىرىدۇر. پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىرغىزستاننىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىياس قىلىش تەس. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىق يۈز بەرسە، ئىسسىق كۆلنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ساياھەت رايونىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يەردە كەلگۈسىدە تاتلىق سۇ بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇزلۇقلار ئېرىگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئېگىز تاغ كۆللۈكلىرى ھاسىل بولىدۇ، بۇ ئېگىز تاغ كۆللۈكلىرى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىغا غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. نۆۋەتتە، قىرغىزستاندا بۇ خىل ئېگىز تاغ مۇزلۇق كۆلىدىن 330 دىن كۆپرەكى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 دىن ئارتۇق مۇزلۇق كۆلىنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ھەر ۋاقىت مۇز پارچىلىرىدىن تەبىئىي شەكىللەنگەن توغاندىن ھالقىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار.
قىرغىزستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئالىملار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە قىرغىزستاندىكى مۇزلۇقلارنىڭ سانى ۋە كۆلىمى قارىماققا ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارنىك ئىففىكتى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئۇلار بىرقەدەر يۇقىرى سۈرئەت بىلەن پەسىيىپ ۋە كىچىكلەپ بارماقتا. تەڭرىتېغىنى مىسالغا ئالساق، تەڭرىتاغ تىزمىسى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، شىمالىي مېردىئان 42~43 گرادوسقا جايلاشقان، مەزكۇر تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4100 مېتىر ئېگىز يېرىدە ئاندىن مۇزلۇق پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە، ئالدى بىلەن بىرقەدەر تۆۋەن تاغ قىرلىرىدىكى مۇزلۇقلار ئېرىيدۇ ھەمدە ئېرىگەن مۇزلۇقنىڭ تۆۋەن بۆلىكىدە ئېگىز تاغ كۆلى ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئېگىز تاغ مۇزلۇق كۆللىرى ئاھالىلەر رايونى بىلەن شەھەر يوللىرى، كۆۋرۈك، توك يوللىرى قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھەلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زور تەھدىت.
ئەگەر، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئىللىشى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئۇنداقتا كۆپ ساندىكى بىرقەدەر تۆۋەن تاغ قىرلىرىدىكى مۇزلۇقلار پۈتۈنلەي ئېرىپ يوقايدۇ. ئۇ ۋاقتىدا، قىرغىزستاننىڭ جەنۇبىدىكى چاتقال تېغى، تاراس تېغى، شىمالىدىكى تەڭرىتاغ - كوئىنلون تاغ تىزمىلىرىدىكى مۇزلۇقلارمۇ ئېرىپ تۈگەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2050 - يېلىغا بارغاندا، قىرغىزستان تاغ تىزمىلىرىدىكى %70 ~ %75 مۇزلۇق يوقىلىپ كېتىدىكەن، 2100 - يىلىغا بارغاندا بولسا پۈتۈنلەي يوقىلىدىكەن.