ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا توختىتىۋېتىلگەن قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرىلىدىكەن. تاجىكىستان دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردى ھەمدە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلدى. ئەمما، ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت قايسى ۋاقىتتا دۈشەنبە بىلەن تاشكەنت ئارىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى 1992 - يىلى توختىتىلىۋېتىلگەنىدى. 2000 - يىلى تاجىكىستان دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ياك - 04 ئايروپىلانىدىن پايدىلىنىپ، دۈشەنبە - تاشكەنت لىنىيىسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇشنى تاماملىغانىدى، ئەمما رەسمىي يوسۇندىكى ئايروپىلان قاتنىشى تا ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنى يوق.
قازاقستان سودا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن تەرجىمە قىلىندى