
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 15 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت تاكسىننىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلدى .
بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن نامايىشچىلارنىڭ 14 رەھبىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سابىق زۇڭلى تاكسىن، سۇ فىڭ، ناتاۋۇ قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بار. ساقچىلار ئۇلارنى جىددىي ھالەت پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ، كىشىلەرنى زوراۋانلىق نامايىشى قىلىشقا كۈشكۈرتتى، دەپ ئەيىبلىدى.