|
ۋېن جياباۋ پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ زۇڭلىسى سۇمارېنىڭ ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى |
2009-04-16 11:45:03 يازغۇچى:ئەقىدە كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى كۆرۈش سانى: |
|

جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ زۇڭلىسى سۇمارېنىڭ ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ زۇڭلىسى سۇمارى بىلەن سۆھبەتلىشىپ مۇنداق دېدى:" جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت كەڭ كۆلەملىك ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئۇزۇندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بىر- بىرىنى قوللۇشۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ناھايىتى چوڭقۇر دوستلۇق ئاساسىنى ئورنىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. " ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز تەرەپ پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى بىلەن يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسى ۋە سىياسىي پارتىيىلەر ئارا ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى بىر- بىرىگە بولغان ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەڭگۈ يېقىن قوشنا، ياخشى شىرىك ۋە دوستلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئېلىمىز تەرەپ، پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىن تۇلىمۇ خوشال ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىگە چامى يەتكۈچە ياردەم بېرىدۇ. ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاپۇئا يېڭى گۋېنىيسىگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپلەرنى جانلاندۇرۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باراۋەر ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. "

|
|
رەسىملىك ئۇچۇرلار |
|
|
|
|