بەش خىل قايناق سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ

2009-03-25 11:44:33   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

      كىشىلەر ھەمىشە قايناق سۇ بولسىلا ئىچكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا تۆۋەندىكى بەش خىل قايناق سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ:
      (1) ئوچاقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كېچىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت قاينىغان، ئىچىدىغان ۋاقىتتا بولسا ئاللىقاچان ئىلمان بولۇپ قالغان قايناق سۇ؛
      (2) چايداندا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ قالغان ئىلمان قايناق سۇ؛
      (3) بىرنەچچە قېتىم قايتا - قايتا قايناپ ئېشىپ قالغان قايناقسۇ، بولۇپمۇ قايناقسۇ پار قازىنىدا قېپ قالغان قايناق سۇ؛
      (4) قايناقسۇ پار قازىنىدا بىر كېچە تۇرۇپ قېلىپ قايتا قاينىتىلغان ياكى قاينىتىلمىغان قايناق سۇ؛
      (5) تاماقنى دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان سۇ.
      بۇ بىرنەچچە خىل قايناق سۇنى ئىچىشكە بولماسلىقىدىكى سەۋەب: بىرىنچى، قايتا - قايتا قاينىغان قايناق سۇنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي، ماگنىي، خلور، ئېغىر مېتال قاتارلىق مىكرو تەركىبلەرنىڭ مىقدارى يۇقىرىلاپ، بۆرەككە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قايناق سۇنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچكەندە بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئىلمان قايناق سۇ تەركىبىدىكى نىترىت كىسلاتا تۇزى ئوڭايلا ئېشىپ كېتىدۇ، نىترىت كىسلاتا تۇزى ئادەم تېنىگە ئىنتايىن زىيانلىق، ئۇ ئالدى بىلەن ئادەم تېنىدىكى گېموگلوبىن بىلەن بىرىكىپ، يۇقىرى تۆمۈرلۈك قان قىزىل ئاقسىلىغا ئايلىنىپ، قان ئارقىلىق ئوكسىگېن بېرىشنىڭ قىيىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلار ۋە بالىلار نىترىت كىسلاتا تۇزىغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، شۇڭا يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىرنەچچە خىل قايناق سۇنى بوۋاقلار ۋە بالىلارغا ئىچكۈزۈشكە قەتئىي بولمايدۇ؛ نىترىت كىسلاتا تۇزى ئۈچەي يولىدا يېمەكلىك ۋە ئادەم تېنىدىكى ئىككىلەمچى ئامىن بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر تۈرلۈك ماددا ~ ئاممۇنىي نىترات كىسلاتاسى ھاسىل بولىدۇ، بۇ تېخىمۇ خەتەرلىك.