
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – مارت تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 12 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا 3 – يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى.
9 – مارت چۈشتىن كېيىن ۋە 10 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق
مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى. ۋەكىللەر بىردەك: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلەر ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئاساسىي ئورۇنلاشتۇرمىنىمۇ ھەقىقىي يولغا قويغىلى بولىدۇ، دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن تارتىپ يېزىلىش ئۇسۇلىغىچە يېڭى ئوي – پىكىر بار ئىكەن، دوكلاتنى تەستىقلاشقا بىردەك قوشۇلىمىز، دەپ قارىدى. ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپ بويىچە، دوكلاتنىڭ 11 يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يەردىن ئالتىسى بار.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ ۋەنبىڭ ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ۋاڭ ۋەنبىن مۇنداق دېدى: قۇرۇلتاي بېكىتكەن تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقتىغىچە 518 تەكلىپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىكتە بەرگەن تەكلىپ 509، ۋەكىللەر ئۆمىكى بەرگەن تەكلىپ توققۇز. بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپنىڭ مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچى، تەكلىپ تەييارلىقى بىر قەدەر پۇختا بولغان؛ ئىككىنچى، تەكلىپنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان؛ ئۈچىنچى، تەكلىپنىڭ مەزمۇنىدا مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس
كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىققاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋەكىللەر تەكلىپىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى سۇنىدۇ. ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش نەتىجىسى بىلەن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا ۋەكىللەرگە دوكلات قىلىنىدۇ. ۋاڭ ۋەنبىن دوكلاتتا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر دوكلات ماقۇللاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – مارت تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 12 – مارت چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا 4 – يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى.
9 – مارت ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2 – يىغىنى ۋە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئالتە قارار لايىھىسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قارار لايىھىلىرىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىدا، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى، ‹‹2008 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم 2009 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى›› توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى، ‹‹2008 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم 2009 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خام چوتى›› توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارارى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش قارارى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللاندى.