ئاساسىي تېما : تـــــــوۋا بــــۇمـــــۇ بىر ئىش (ھىكايە)ئاۋاتلىقى:91ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2809
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2835 نوقتا
پۇل : 28350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3038(سائەت)

 تـــــــوۋا بــــۇمـــــۇ بىر ئىش (ھىكايە)

نىھكاھلانغۇچلارنى تىزىملاش ئورنىدا ئۇلار خىلمۇ - خىل سۇئالارغا دۈچ كەلدى.
-قاچاندىن باشلاپ تونۇشقان؟
-تۆت يىل بۇرۇن.
- ئاتا – ئاناڭلار ھاياتمۇ؟
 - ئاتىمىز بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئانمىز ھايات.
- ئەمسە ئاپاڭلارنى باشلاپ كىلىڭلار.
- بۇ......بۇ....
   ھايال ئۆتمەي قىز – يىگىتلەر ئاپىلىرنى باشلاپ كىلىشتى. كەپكە شەپكىلىك، كۆز ئەينەكلىك ئادەم ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئىككەيلەن بولسا ئاپىلىرنى ئولتۇرغۇزۇپ غىىپلا قىلىپ تىكىۋەتتى. 
 - بۇلار ھەرقايسىڭلارنىڭ پەرزەنتىمۇ؟
- قىز، مىنىڭ قىزىم بولدۇ.
كەپكە شەپكىلىك كىشى بۇلارغا بىرمۇ – بىر قاراپ چىختى . ئوغۇل ماۋۇ قىزىل شەلپەر ياغلىقنىڭ قىز بولسا يالاڭباش بۈدۈرە چاچ ئايالنىڭ.
- پەرزەنتىڭلارنىڭ ئاتىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق.
- تەپسىلىرەك سۆزلەشكە بولامدۇ؟
- بۇ....بۇ، ئېنىق بىر نەرسە دىگىلى بولماسمىكىن.
- خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭلار بۇ بىر رەسمىيەت.
- ئۇنداق بولسا، شەلپەردەك ياغلىق ئارتقان ئايال ھۆپىپىدە قىزاردى، ئىچىدە < ئوغلۇمنىڭ بەختى ئۈچۈن ئەمەسمۇ> دەپ ئويلىدى ۋە سۆزلەشكە باشلىدى:
- ئۇنىڭ بىلەن تويۇم بولغان كىچىسى يەڭگە ئايال چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ مىنىڭ ناز – كەرەشمىلىرىمگىمۇ پىسەنت قىلماي يېتىۋەردى. دىمسىمۇ ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى يوق ئىدى. بۇلانىڭ ھەممىسى مەجبۇرلۇقتىن بولغان ئىشلار ئىدى. سۈتتەك ئاي نۇرى ھوجۇرمىزنى ئايدەك يورتىۋاتتاتى. ئۇ تەڭ كىچىدە يېرىم يالاڭئاچ ھاجەت قىلمەن دەپ چىقىپ كەتتى. يېرىم سائەت ، بىر سائەت ساقلىدىم ھېچ شەپە يوق . توساتتىن ھوجۇرا ئىشكى يېنىك ئېچىلدى.
- كىم؟ 
- مەن ئىلغار.
    شۇ چاغدا يۈرۈكۈم توختاپ قالاي دىگەن ئىدى. ئىلغارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىر ئاز خاتىرجەملەندىم. ئۇ ئۆيگە كىردى. سۈتتەك ئايدىڭدا ئۇ ئالدىمدا قانسىرغان بالدەك تۇراتتى. مەن تىتىرەۋاتتاتىم. ئۇ مىنى قۇچاقلىدى. مەنمۇ ئۇنڭغا يېپىشتىم، ئۇنى ئەسەبىيلەرچە سۆيدۈم. چۈنكى ئۇنى ياخشىى كۆرەتتىم. شۇنداق قىلىپ مەجبۇرى تويۇمنىڭ تۇنجى ئاخشىمنى باشقلار بىلەن ئۆتكۈزدۈم. 
      شەلپەردەك ياغلىق ئايال شۇنداق دىگىنچە بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كەتتى. ئارقىدىنلا ياغلىق بىلەن يېشىنى سۈرۈتكەچ < نۇمۇس قىلماي بۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرشۇم يىگانە ئوغلۇم ئۈچۈن> دەپ قوشۇمچە قىلدى.
-كىينچۇ؟ - كەپكە شەپكىلىك .ئايال سۇئال نەزىردە قاردى.
كىيىن، ئېرىم، ئىككىمىزنىڭ ئۈستىدىن چۈشتى. ئۇ ئىلغارنى تارتىپ چىقىرىپ قورساق، كۆكرەك، جان يېرگە پىچاق تىقتى. ...... قالغىنىنى بىلمەيمەن. مۇشۇ ئېسىمدە، كىيىن نىمە بولغىنى ئېسىمدە يوق.
    باياتىندىن بېرى مىشىلداپ ئولتۇرغان ئايال كۆزىنى سۈرۈتكەن بولۇپ، كەپكە شەپكىلىك كىشنىڭ ئىشارىسى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: 
مەن باشقا ناھىيلىك ئىدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ تويى بولدىكەن دەپ ئاڭلاپ مەھەلىسگە باردىم. مەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنى بىر قېتىم كۆرسەملا رازى ئىدىم. بىراق شۇنچىلىك ئۆمۈدۈممۇ يوققا چىقتى. توي كىچىسى ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئارقىسغا ئۆتۈپ قانچە يىغلىدىم. تۇيۇقسىز ئايدىڭدا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆردۈم. ھاياجىنىمنى باسالماي ئۇنڭغا تاشلاندىم. بىز يىغلىدۇق. قۇچاقلاشتۇق. كىيىن.... ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن شۇ كىچىسى قايتىپ كەتتم، ئۇ ھازىر ھاياتمۇ – ئۆلكمۇ، خەۋرىم يوق.
كەپكە شەپكىلىك ئايالارنىڭ سۆزنى ئۈن – تۈنسىز ئاڭلاپ ئولتۇراتتى، ئاقىرىپ كەتكەن ماڭلاي چاچلىرى ئارقىسدىن چىپ – چىپ تەر ئېقىۋاتتاتى.
-سىزنىڭ ئۇ دىگىنىڭىز كىم؟ - كەپكە شەپكە ئەر شەلپەردەك ياغلىق ئارتقان كىشگە تىكىلدى. 
- ئۇنىڭ ئېتى ئەخمەت ئىدى.
- ئەخمەت، - يالاڭباش ئايال ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلشى بىلەن قاتتىق ئۇرۇلغان توپتەك قاڭقىپ كەتتى. ئارقىدىن چاچلىرنى يۇلۇشقا باشلىدى.
- ئۇ ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ ھۇ بۇزۇق، ئۇنىڭ بېشىغا چىختىم دىسەڭ چو!!
شەلپەردەك ياغلىق چەگكەن ئايال يالاڭ باش ئايالغا ئېتىلدى: 
-بۇزۇق، ئلغارنىڭ بېشغا چىققان سەن قانجۇقمىدىڭ!
شەپكىسنى بىر يەرلەردىن تېپىپ. توپغا مىلەنگەنگىنچە كەلگەن كىشى ئارغا چۈشتى: 
- ھاي، بولدى قىلڭلار. ئۆتمۈشنى تەگەپ نىمە قىلسىلەر، بالىرىڭلارنىڭ بەختىنى ئويلاڭلار ، ئۇنداق قىلماڭلار توختاڭلار. توختاڭلار. 
سىرىتتىن قىز – يىگىت كىرىپ كەلدى ئاپسنىڭ ياشقا تولغان چىرايغا قاراپ ھەيران قېلىشتى....
  بېرىڭلار ، بالىرىم بەختلىك بولۇڭلار، - كەپكە شەپكىلىك كىشى شۇنداق دېدى دە قىزىل بولاقنى ئۇلارغا تۇتقۇزدى. قىز - يىگىت ئاپلىلىرنى يۆلەشتۈرۈپ مېڭۋاتقاندا ئۇزاق خىيالغا پاتتى ۋە بونىڭدىن ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى سۆيگۈ تارىخىغا پاتتى.


 مەنبە: يېڭى قاشتېشى 96- يىللىق 4- سان
 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-13 11:24 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation