
شىنخۇا ئاگېنىتلىقى، شياڭگاڭ،11-مارت تېلېگراممىسى: شياڭگاڭدىكى «يۇلتۇزلۇق ئارال گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تارقىلىپ يۈرگىنىگە150يىل بولغان بىر خەۋەردە: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لىنكولىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر يانچۇق سائىتىنىڭ ئىچىگە ئۇرۇشقا دائىر مەخپىي ئۇچۇرلار ئويۇلغان، بۇنى لىنكولىننىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، دېيىلگەنىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك تارىخ مۇزىيىدىكى بىر سائەت مۇتەخەسسىسى ئاخىرى بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىدى، يەنى ئۇ سائەتكە: «1861-يىلى 13-ئاپرېل،بۇ كۈنى توپىلاڭچى ئارمىيە سىپونپورگقا ھۇجۇم قىلدى. تەڭرىگە مىڭ شۈكرى، ھېلىمۇ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز بار بولدى!» دىگەن خەتلەر ئويۇلغانىكەن.