جازا مۇددىتى توشۇشقا بىر ئاي قالغان ياسىن ، تۈرمىدىن چىقىپلا يۇرتۇمغا بارسام چوقۇم باشقىلار ماڭا بۆلەكچى كۆزدە قارايدۇ . ئالتە ئايلىق مۇددىتىمنىڭ قىسقارتىلغانلىقىنى ئۆيدىكىلەرمۇ بىلمەيدۇ ، ئۇلار ئۆتكەندە كەلگەندە ، سېنى يوقلايمىز دېسەك قېرىغاندا بەك جاپا تارتىپ كېتىدىكەنمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىق يىراق بولغاچقا دېھقانچىلىقتىن بىر يىل ئېشىنغان پۇلىمىز ، سېنى بىر قېتىم يوقلاشقا ئاران يېتىدىكەن ، ۋاقتىڭمۇ ئاز قالغاندىكىن ئەمدى سېنى يوقلاپ كەلمەيلى، ساقچىلاردىن ئاڭلىساق ، قويوپ بەرگەندە يەتكۈدەك يول كىراسى بېرىدىكەن ، كىملىك گۇۋاھناماڭنىمۇ ساقچىلارغا تاپشۈرۈپ بەردۇق ئۇلار مۇددىتىڭ توشقاندا قولۇڭغا بېرىدىغان بولدى ، شۇڭا قويوپ بەرگەن كۈنىلام باشقا يەرلەردە تەمتىرەپ يۈرمەي ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ ماڭ ، بىز كۈن ساناپ يولۇڭغا قارايمىز ، ئەگەر بىزنىڭ نەسىھەتىمىزنى ئاڭلىغان بولساڭ بۇ كۈنلەرنىمۇ كۆرمەس ئىدىڭ ، - دېگەن ئىدى . شۇڭا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇددۇللا يۇرۇتقا بارماي ، باشقا يەرلەرگە بېرىپ ، تاكتىكامنى ئۆزگەرتىپ ، ئاز تولا پۇلنىڭ يولىنى قىلىپ ، ئەسلىدىكى جازا مۇددىتىم توشىدىغان ۋاقىتتا ، ئەمدى قويوپ بەردى دەپ بارساممۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ ، دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئويلاپ يۈرگىنى بويىچە ، ئائىلە ئىقتىسادىمىز يامان ئەمەس ، يول تاپالىغان بولساق ئۆيدىكىلەر نەچچە پۇل كەتسە مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ كېتەتتى ، دېگەن گەپلەرنى قىلغان، باشقا شەھەرلەردىكى ئونغا يېقىن تۈرمەدىشىنىڭ ئائىلسىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ خاتىرلىۋېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئاز تولىدىن بىلىۋالدى . تۈرمىدىن قويۇپ بىرلگەن كۈنى تېلېفۈن نومۇرى خاتىرلىۋالغان قەغەزنى پىتىكىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ چىقىپ كەتتى .
ئۇ ، تۈرمە دەرۋازىسىدىن چىقىپلا ، بىر بالا دەپ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلغان ، قىرى ئاتا – ئانىسىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي ، ئۇدۇل قوشنا ۋىلايەتكە قاراپ ماڭدى . يوتقان كۆرپىلىرىنى ئەسكى بازىرىدا ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ ، يول كىراسى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل ۋە ئۆزى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەر خىل يوللار بىلەن مەقسەتلىك يىغىپ يوشۇرۇنچە ساقلىغان پۇللارنى قوشۇپ ، بىر قۇر ئىسىل كېيىم ، بىر كىچىك قول سومكىسى ، بىر يانفۈن ئۇنىڭغا بىر قارا نوپوس نومۇر سېتىۋېلىپ ، چاچ ساقاللىرىنى ياسىتىپ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا سالاپەتلىك بىر ئادەمگە ئايلاندى .
ئىشنى نەدىن باشلىسام بولا ؟ ئۇ ، بۇ شەھەردىكى سەمەت دېگەن مەھبۇسنى ئېسىگە ئېلىپ ، تۈنجى ئوقنى ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەرگە ئېتىپ ، تەلىيىنى سىناپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ ، سەمەتنىڭ دادىسىنىڭ يانفۈنىغا تېلېفۈن ئۇردى .
سىز سەمەتجاننىڭ دادىسى غولامجىنكام بولامسىز ؟ مەن سەمەتجان بار تۈرمىدىن كەلگەن ، قادىر كوجاڭ بولىمەن . خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمە باشلىقى بىلەن بۇ شەھەرگە كەلگەن. بۇ تەرەپكە ماڭىدىغاندا سەمەتجان ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەچ كەلگەن بولسىڭىز دەپ نومۇرلىرىنى يېزىپ بەرگەن ئىدى . بالىسىنى يوقلاپ بارغاندا ، باشقا مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ، قادىر ئىسىملىك بىر بۆلۈم باشلىقىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان سەمەتنىڭ دادىسى ، ئۇنىڭ ئەۋازىنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى .
ۋاي ، سىللە قادىر كوجاڭ بولاملا ؟ ئىسىملىرىنى ئاڭلىغان ، تېخى ئۆزلىرى بىلەن بىر دىدارلىشىش نىيىتىممۇ بار ئىدى ، سىللە ھازىر نەدە ؟ مەن يانلىرىغا باراي ، بۇ ئەۋازنى ئاڭلىغان ياسىن ، مانا ئىشىم دەسلەپتىلا ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ دېگەنلەرنى ئويلىدى ۋە ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ :
ھە ، مەن قادىر كوجاڭ ، ھازىر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمسىدە ، مەھەكىمە باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز ، ئۆزلىرى بىلەن تېلېفۈندا كۆرۈشكەندىكىن بولدى قىلساق بولارمىكىن بىز بەك ئالدىراش. دېگەننى قوشۇپ قويدى قەستەن ئۇنىڭ تومۈرىنى تۈتۈپ بېقىش ئۈچۈن .
ۋاي ، قادىر كوجاڭ ، نېمە دېگەنلىرى بۇ ، بالام سەمەتجان ئالاھىتەن تېلېفۈن نومۇرىنى يېزىپ بەرگەن تۇرسا ، بۇ شەھەرگە ئاران بىر كەلگەندە كۆرۈشمىسەك سەت ئەمەسمۇ ئۇنداق دېمەي ئاز تولا ۋاقىتلىرىنى چىقارسىلا .
ھەي ، قانداق قىلساق بولا ، بوپتۇ ئەمسە يەنە بىر سائەتتىن كېيىن تېلېفۈن ئۇرسىلا ، ئىش تۈگەپ قالسا بىر گەپ بولا .
بولىدۇ ، بولىدۇ ، چوقۇم ۋاقىت چىقارسىلا جۇمۇ ئەمسە .
سەمەتنىڭ دادىسى غولام ، 50 ياشلاردىكى باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كېتىدىغان ، ئاق كۆڭۇل ئادەم بولۇپ ، كۆڭلىدە قادىر كوجاڭ بىلەن تونۇشۇپ قويسام ، بالامنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا پايدىسى تېگەر ، ئۈنى تۈرمىدىن بالدۈرراق قايتۇرۇپ كېلىشكە يول تاپالماي يۈرگەندە بۇ ئادەمنىڭ كەلگىنىمۇ ياخشى بولدى ، نەچچە پۇل كەتسە مەيلى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ياخشى چىقاي دېگەنلەرنى ئۇيلاپ ، ناھايىتى خۇشال ھالدا بۇ خەۋەرنى ئايالىغا يەتكۈزۈپ ، دۇكىنىنى تاقاپ يانچۇقىغا بەش مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل سېلىپ ۋاقىتنىڭ تېزراق ئۆتۈشىنى كۈتتى .
ۋەي ، قادىر كوجاڭ ، مەن غولامجان ، ئۆزلىرى نەدە ؟ ، بىكار بولدىلىمۇ ؟
مەن يەنە شۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىدە ، تۈرمە باشلىقى بىر تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە كەتتى، بۇ يەردە ئىش بېجىرىۋاتىمەن ، كۆرۈشمىسەك ئونمايدىغان ئوخشايلا بولىدۇ ، ئەمسە ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ ئالدىغا كەلسىلە ، مەن سىرتقا چىققاچ تۈراي .
بولىدۇ ، بولىدۇ ، مەن ھازىرلا باراي . غولام تېزلىكتە بىر تاكسىدا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ ئالدىغا ماڭدى . ماشىنىدىن چۈشۈپ كىچىك سومكىنى قولتۇقىغا قىستۈرۈپ ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان 30 نەچچە ياشلاردىكى كادىر سۈپەت ياسىىنىنى كۆرۈپ ، قادىر كوجاڭ دېگەن ئادەم شۇمىدۇ ؟ دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئەتراپقا سەپ سىلىپ ، باشقا ئادەم كۆرۈنمىگەندىن كېيىن قادىر كوجاڭ چوقۇم شۇ دەپلا ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدى .
ئۆزلىرى قادىر كوجاڭ بولامدىلا ؟ ياسىن غولامنىڭ باش ئايىغىغا بىر قۇر سەپ سېلىۋەتكەندىن كېيىن قەستەن ئۇنىڭغا مەڭسىتمىگەندەك قاراپ .
ھە ، مەن شۇ ، ئۆزلىرى ،- دېدى ، يانچۇغىدىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىممەت باھالىق تاماكىسىدىن بىر تال ئېلىپ تۇتاشتۇرغاچ .
مەن ، سەمەتجاننىڭ دادىسى غولام :
ۋاي ، نىمانداق تېز كېلىپ بولدىلا ، ئۆي بۇ يەرگە يېقىن ئوخشىمامدۇ ؟، - دېدى چىرايىغا كۈلكە يۈرگۈتۈپ . غولامنىڭ شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىنى تەسۋىرلەش ھەقىقىتەن قېيىن ئىدى .
شۇنداق ، شۇنداق ، قادىر كوجاڭ ، ئۆيمۇ ئانچى يىراق ئەمەس ، ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىم بەك ياخشى بولدى ، بالام سەمەتجان ياخشى تۇرۋاتقاندۇ ؟
ياخشى تۇرۋاتىدۇ ، مەن تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ، بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئۇنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇۋاتىدۇ ، مەنمۇ ئۇلار بار ئەترەتكە بارساملا، چاقىرتىپ يېقىن ئاغىنىلاردەك پاراڭلىشىپ كېتىمىز ، ئۆزلىرى رەخ تىجارىتى قىلىلىغۇ دەيمەن .
شۇنداق ، ئانچە –مۇنچە مىدىرلاپ تۇرمىساق جان باققىنى بولمايدىكەن كوجاڭ .
ئاياللىرىنىڭ كېسىلى ساقىيىپ قالدىمۇ ؟ سورىدى ياسىن سەمەتتىن ، ئانامنىڭ كېسىلى بار دېگەن گەپنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن چاندۈرماي .
رەخمەت كوجاڭ ، خىلى ياخشى بولۇپ قالدى ، ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى بالام دەپ بېرىپتىكەن دە .
شۇنداق ، ئۇ يەنە بىر ئىنىسىنىڭ ئىچكىردە ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ دەپ بەرگەن .
سىللە ، بايام تۈرمە باشلىقىنى بىر تونۇشىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن دېدىلىمۇ قانداق ؟
شۇنداق ، بۇ يەردىكى ئىشلارنى ماڭا تاشلاپ قويوپ ، بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەتتى ، ئۆزلىرىنى ساقلاتماي دەپ مەنمۇ ئىشنى قويۇپلا چىقتىم .
ياخشى قىپلا كوجاڭ ، يول بويىدا تۇرماي بىر يەرگە بېرىپ تاماق يېگەچ پاراڭلاشمايلىمۇ؟
سوتتىكىلەر كەچتە بىرگە تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدى ، ئۆزلىرىگە ياق دېسەم ئۇنمايدىغان ئوخشايلا ، ئۇڭغىچە بىر يەرگە بارساق بارايلى ، بىر تېز تاماقخانىغا بارساقلا بولدى .
بولىدۇ ، بولىدۇ ، كوجاڭ ، ئۆزلىرى نېمە دېسىلىرى شۈ . غولام خۇشال ھالدا يالغان قادىر كوجاڭنى ناھايىتى پەپىلەپ ، بىر تاكسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ ، شەھەردىكى كاتتا تېز تاماقخانىغا ئېلىپ ماڭدى . نەچچە يىلدىن بېرى ئېغىزغا تېتىغۇدەك تاماق يەپ باقمىغان ، ئۇنىڭ ئۈسستىگە قورسىقى ئېچىپ كۆكىراپ كەتكەن ياسىن ، غولامنىڭ خۇشامەت قىلىپ زورلىشى بىلەن ، ئاغزىنىڭ ئۇچىدا بولدى قوساق تويوپ كەتتى دەپ قويغان بولسىمۇ ، كەلتۈرۈلگەن تائاملاردىن بولۇشىغا يېگەچ ، ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى . غولامنىڭ نەدىكى مېھمان كۈتۈشكە چۈشتىڭلا ، تۈرمە باشلىقى بىلەن ئۆزلىرىنى بىر قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلسام بولاتتى ، دېگەن گىپىگە ، قېنى بىر گەپ بولا دەپلا ، قەستەن يانچۇقىدىن يانفۈنىنى ئېلىپ ، - ۋاي، بايام سوتتىكى ۋاقىتتا تولا جىرىڭلاپ ئەۋازىنى ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم ، نەچچە قېتىم تېلېفۈن كەمتۇ ئەمەسمۇ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئاشخانىنىڭ دېرىزىسى يېنىغا كېلىپ ، غولام ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا يالغاندىن قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى .
ھە ، سىزمىدىڭىز تېلېفۈنغا قارىماپتىمەن ، ھە ، ھە ، ئۇغۇ شۇنداق ، ئەسلى ئۇنداق قىلمىساقمۇ بولاتتى ، سىز دېگەندەك بولسىغۇ تېزراق بولىدۇ ، بوپتۇ ئەمسە ئالدى بىلەن شۇنچىلىك ئەكىلىپ بېرىڭ ، مەن ئۇلارنىڭ قولىغا تەككۈزۈپلا ئىككى يىللىق ۋاقتىنى بىزنىڭ بۇ يەردە ئىشىمىز تۈگىگىچە بىر تەرەپ قېلىۋېتەيلى ، ۋاي بولدى ، مېنىڭ نىسىۋەم ئەتىگەنكى بولسىلا بولدى ، ئۆزلىرى مەندىن خوش بولۇپ قالسىلىلا شۇ كۈپايە ، ماقۇل ئەمسە شۇنداق بولسۇن كەچتە تېلېفۈن قىلىڭ ، كەچتىما ، كەچتە بولمايدۇ ، بارىدىغان موھىم يەر بار ، ئۇ ئادەممۇ بەك ئالدىراش، ماقۇل ئەمسە شۇنداق بولسۇن . ئۇ تېلېفۈننى يانچۇقىغا سېلىپ مىييىغىدا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ئۆزىدىن گەپ تەمە قىلىپ ئولتۇرغان غولامغا قاراپ :
كۆرمەمسىز ما ئىشنى ، بۇ شەھەردىكى بىر مەھبۇسنىڭ ئىككى يىللىق ۋاقتى قالغان ئىدى ، ئاتا – ئانىسى ئائىلدە قىيىنچىلىقىمىز بار دەپ تولا ئارقامغا كىرىۋېلىپ ، ئاخىرى بوپتۇ دەپ ئالتە ئايلىق بورۇنغا بېرىشنى مۇزاكىرلىشىپ قويغان ئىدۇق ، ئۇلار ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلماي بالامنى قويوپ بەرگەن بولساڭلا دەپ بېشىمنى بەك ئاغرىتىۋەتتى ، تۈرمە باشلىغىغا دېسەم بۇنچىلىك ئىشنى ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلىۋەرمەمسىز دېدى ، ئەتىگەن سوت مەھكىمسىنىڭ باشلىقىغا ئەھۋالنى دېسەم ، ئۆزلىرى دېگەن ئىشنى بېجىرمىسەك قانداق بولىدۇ ، بىز ئۇنىڭ قالغان ئىككى يىللىق مۇددىتىنى قىسقارتىۋېتەيلى دېدى . بۇ ئەھۋالنى دەپ قوياي دەپ ئۆيىدىكىلەرگە تېلېفۈن ئۇرسام ، 20 مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بەرسەك ، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە بېرىپ ، ئىشنى تېزراق پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا دەيدۇ ،
قىزىل يۈزلۈك ئادەم يۈزىگە كېلەلمەي ئىلاجىسىز ماقۇل دېدىم . ئەلدىن ئەلگە نەپ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ، ئۇ پۇلنى تىگىشلىك جايلىرىغا تەككۈزسەم ئىككى كۈنگە قالماي ئىش پۈتىدۇ ، جازا قىسقارتقان ھۆكۈمنى ئېلىپ كېتىپلا ئۇ مەھبۇسنى قويوپ بېرىمىز دېدى ، - ناھايىتى سالماقلىق بىلەن . ھازىر پۇل بولسىلا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ دېگەن گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ ماللا بولۇپ كەتكەن غولام ، قادىر كوجاڭنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئوخشايدۇ ، مەن ئۇنىڭ پىشىنى چىڭ تۇتۇپ ، بالامنى تۈرمىدىن بالدۈراق قايتۇرۇپ چىقاي دېگەنلەرنى ئويلاپ ، ئۇنىڭغا قىلىۋاتقان خۇشامىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەقسىتىنى ئۇدۇللا دېدى .
ھەي ، بۇ ئىش قانداق بولا ، بىر قېتىمدىلا ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىنى ئۇلارغا دېسەم نېمە دەپ قالا ، يا بۇ گەپنى بالدۈراق دېمەپلا ، - دېدى ئۇ غولامنىڭ ئاغزىدىن قانچە پۇل كەتسە مەيلى ، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭدىن خىلى كۆپ نەرسە ئۈندۈرىۋېلىشقا كۆزى يېتىپ .
ئۆزلىرىمۇ بىلىدىلا كۆجاڭ ، بىز تىجارەت قىلىدىغان ئادەم ، قانۇن ئورۇنلىرىدىكى ئادەملەر بىلەن تازا باردى – كەلدى قىلىپ كەتمەيدىكەنمىز ، بالامنىڭ يەنە ئىككى يىل ۋاقتى قالدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ، بىر ئوغۇل دەپ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلساق ئويلىمىغان يەردىن ئۇ پىشكەللىككە ئۈچراپ قالدى . مەنمۇ قىلغاننى بىلىدىغان ئادەم ، قىلغان ياخشىلىقلىرى بىزدىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا ، بۇ دۇنيادا ئاتا – ئانا ئۈچۈن پەرزەنتىنىڭ غېمىدىنمۇ ئارتۇق غەم يوق ئىكەن ، بۇ ئىشنى بىر ئىلاجى قىلىپ ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىلا،- دېدى ئۇنىڭغا يېلىنىپ .
قېنى ، مەن كەچقۇرۇن سوت مەھكىمسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقاي .
ئۆزلىرىمۇ بىلىلا كوجاڭ ، چىراققا پىلىك سالمىساق ئۇ ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ يانمايدۇ ، ئاخشاملىققا سىللە ئۇلار بىلەن بىرگە تاماققا بارىمىز دەۋاتىلا ئەمەسمۇ ، شۇڭا تاماقتىن كېيىن ئۇلارنى بىر يەرگە باشلاپ ، بۇ پۇلغا مېھمان قىلىپ ، ئاز تولا يول ئېچىپ قويسىلا . غولام يانچۇقىدىن بەش مىڭ يۈەننى ئېلىپ ياسىننىڭ قولىغا تۇتقازدى . ياسىن قولىدىكى پۇلغا بىر قارىۋېتىپ مەڭسىتمىگەندەك قىلىپ .
ۋاي ، بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ ، مەن ئالدى بىلەن ئۇلار بىلەن دېيىشەي ، گېپىنى ئاڭلاپ ئاندىن بىر نېمە دېمەيمىزمۇ ، ئۇ پۇلنى غولامغا ئۇزاتتى .
ئۇنداق دېسىلە بولمايدۇ كوجاڭ ، مەن بۇ ئىشنىڭ قوللىرىدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ، پۇلنى يانچۇقلىرىغا سالسىلا ، بالام مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىدىغانلا ئىش بولسا بايام دېدىمغۇ قانچە پۇل كەتسە مەن تەييار . ئۇلار پۇلنى بىر ھازا ئىتتىرىشكەندىن كېيىن ، ياسىن قۇرۇق تەكەللۇپتىن ئاز تولا قىلىپ قويۇپ يانچۇقىغا سالدى .
سوتتىكىلەر بىلەن دېيىشكەن ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ ، مەن ماڭاي .
ئۆزلىرى بىلەن ئەتە كۆرشەمدۇق ؟
شۇنداق ، بىزنى سوتنىڭ ئالدىدىكى مېھمان كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى ، كەچقۇرۇن ئۇلار بىلەن دېيىشىپ سىللىگە ئەتە ئەتىگەندە خەۋىرىنى بېرەي .
بولىدۇ ، بولىدۇ ، شۇنداق بولسۇن . تولۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپلا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسىنى تەرىك ئېتىپ ، ئاتا – ئانىسىنى يالغۇز تاشلاپ قويوپ شەھەرگە كىرىۋېلىپ ، باشقىلارنى ھەر خىل ئۇسۇلار بىلەن ئالداپ كۆنوپ قالغان ياسىن ، ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلە يانچۇقىغا كىرگەن بەش مىڭ يۈەننى خاتىرىجەم ئېلىپ ، غولام توسوپ كىراسىنى بېرىۋەتكەن تاكسىدا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ خەلق سوت مەھكىمىسى تەرەپكە ماڭدى .
سىللە بۇرۇن قادىر كوجاڭنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟ سورىدى سەمەتنىڭ ئانىسى غولامدىن .
كۆرۈشنى كۆرمىگەن ، ئۆتكەندە سەمەتجان بۇ تۈرمىدا قولىدىن ئىش كېلىدىغىنى قادىر كوجاڭ دېگەن ئادەم ئىكەن دېگەن ئىدى ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى باشقا مەھبۇسلارنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاڭلىغان ، بالىمىز تۈرمىدىن بالدۇر چىقسىلا قانچە پۇل كەتسە مەيلى ئەمەسمۇ ، سىللىنىڭ ئارزۇيۇڭلارمۇ شۇغۇ ، يوقىلاڭ خىياللارنى قىلماي بانكىدىكى پۇلنىڭ چىكىنى تىپىپ قويۇڭلا ، بايام ئاشخانىدا ئۇنىڭ 20 مىڭ يۈەن بىلەن بىر ئادەمنىڭ بالىسىنىڭ ئىككى يىللىق مۇددىتىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ، بىز ئۇنىڭ قولىغا 30 ، 40 مىڭ يۈەن تۇتقۇزساقلا ئىشنىڭ پۈتىدىغانلىقىغا ئىشەنجەم كامىل .
سىللە نېمە دېسىلىرى شۈ ، ئەگەر ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇل كەتسىمۇ بالام تېزراق چىقىدىغان ئىشلا بولسا زىبۇ زىننەتلىرىمنى ساتساممۇ بولىدۇ .
كېچىدىن بېرى قادىر كوجاڭ سوتتىكىلەر بىلەن نېمە دېيىشكەندۇ دېگەننى ئويلاپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىغان غولاپ ، ئەتىسى چالا – پۇلا ناشتا قىلىپلا ، قادىر كوجاڭغا تېلېفۈن ئۇردى .
ھە ، غولامجىنىكاممۇ ، ھەر ھالدا ئاز تولا يوچۇق چىقىپ قالدى ، ئاخشام شۇ ئىشنى دەپ ئۇلار بىلەن كۆپرەك ئىچىۋېتىپتىكەنمەن ، ئورنۇمدىن تۈرسام تۈرمە باشلىقى سىرىتقا چىقىپ كېتىپتۇ ، مەن ھازىر ياتاقتا ، يۈز –كۆزۈمنى يۈيۈپلا ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىمەن ، سىللە تېزدىن 3 كونۋېرىتقا 10 مىڭ يۈەندىن سېلىپ ماڭا دەرھال يەتكۈزۈپ بەرسىلە ، ئېغىز يېسە يۈز ئۇيىلىدۇ دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ، پۇلنى ئۇلارنىڭ قولىغا تەككۈزۈپ ئىلاجى قىلىپ مۇشۇ بىر ، ئىككى كۈن ئىچىدە ئىشنى پۈتتۈرىۋېتەيلى .
بولىدۇ ، بولىدۇ . مەن ھازىرلا باراي .
غولام ئۈچ كونۋېرىتقا سېلىپ ئەككەلگەن پۇلنى قولىغا ئالغان ياسىن ، ھەر بىر كونۋېرىتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپلا قاراپ قويوپلا سومكىسىغا سېلىپ :
ھەر بىرىگە مەن دېگەندەك سېلىنغاندۇ ، - دېدى .
شۇنداق بولدى كوجاڭ ، سىللە دېگەندەك قىلدىم . ئۆزلىرىنى ئايرىم رازى قىلىمەن .
بولدى ، ماڭا ئۇنداق قىلمىسىلىمۇ بولىدۇ ، قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش بولغاچقا ئۆزلىرىگە بىر يارىدەم قىلغىم كېلىپ قالدى .
ياق، ئۇنداق بولامدىغان ، ئۆزلىرىنى بەك ئەۋارە قىلىۋەتتىم ، كوجاڭ .
ماقۇل ، مەن كېرىپ كەتتىم ، سىللىمۇ بۇ يەردە ئۈزۈن تۇرماي ئۆيگە كېتىپ تۇرسىلا ، تۈرمە باشلىقى كۆرۈپ قالسا باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن ، چۈشتىن كېيىن خەۋىرىنى كۈتسىلە . ياسىن چاندۈرماي يان تېلېفۈنىنى ئېلىپ يالغاندىن بېرسى بىلەن پاراڭلاشقان بولۇپ ، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئارقىسىغا چاندۈرماي قاراپ غولامنىڭ بىر تاكسىنى توسۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، يول بويىدىكى بىر ھاجەتخانىغا كىرىپ ، ناھايىتى خۇشال ھالدا كونۋېرىتلاردىكى پۇلنى بىرلەشتۈرۈپ سومكىسىغا سالدى . سىرتقا چىقىپ بىر تاكسىنى 500 يۈەنگە دېيىشىپ ، تېلېفۈنى ئىچىدىكى كارتىنى تاشلىۋېتىپ قوشنا شەھەرگە قاراپ ماڭدى .
ئۇ شەھەرگە كېلىپ ، يەنە خەلق سوت مەھكىمسنىڭ ئالدىدىكى كاتتا مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ ، ئىككى كۈندىلا ھىلىقى ئۇسۇل بىلەن بۇ شەھەردە ئۆيى بار ، ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان ئىككى تۇرمىدىشىنىڭ ئائىلسىدىكىلەردىن بىر –بىرىگە ئۈچراشتۈرماي ، 60 مىڭ يۈەنگە يىقىن پۇلىنى قومۇرۇپ ، بۇ شەھەردىنمۇ ئىز دېرەكسىز يوقالدى . يەنە باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ بەش كۈن ئىچىدىلا ئۈچ تۈرمىدىشىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى خالتىغا سېلىپ ، 100 مىڭ يۈەندەك پۇلىنى قومۇردى .
نەچچە كۈندىن بىرى يېتىۋاتقان مېھمان كۈتۈشنىڭ يالغۇز كىشلىك ياتىقىدا ، قولىدىكى پۇللارغا قاراپ شىرىن خىياللارنى سۈرىۋاتقان ياسىن ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ چىلىنىشى بىلەن چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ پۇللارنى يۇغۇشتۇرۇپ ، كىم دېگەنچە بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ ، ئالدىدا تۇرغان ئىككى ساقچىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپلا قالدى .
خاتالاشمىساق ياسىن دېگەن سەن بولىسەنغۇ دەيمەن ؟
مەن ... مەن، نېمە گۇناھ قىلدىم .
نېمە گۇناھ ، ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدىڭ ، قانداق ئېسىڭدە يوقمۇ ؟
ئۇ بېشىنى تۇتقىنىچە جايىدىلام لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .
سەن ئۆزەڭنى بەك ئەقىللىق چاغلاپ كەتكەنمىدىڭ ، ھازىر دېگەن قايسى دەۋىر بىلەمسەن ، ئېسىڭدە بولسۇن بىز دېگەن ھازىر ئۈچۈر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 6 يىل تۈرمىدە يېتىپ ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يۇرتۇڭغا كەتمەي ، نەچچە شەھەردە يالغاندىن كوجاڭ بولۇۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىڭ يالغان ئەمەستۇ ؟ ئورنىڭدىن تۇر ؟ سەمەت قولىدىكى كۆيزىغا قاراپ ، تۈرمىگە كىرمەستىن بۇرۇن ئانىسىنىڭ نەچچە قېتىم جىنىم بالام ، سەن بىر يامان قىلىقنى ئۆگىنىۋالدىڭ ، ئۆزگىلەرنى قاقشىتىش بەدىلىگە ئۆزى كۈلۈپ يۈرۈش ھەقىقى ئىنسانلارغا پەقەت ياراشمايدىغاب ئىش ئىدى . سەن بۇ خۇيۇڭنى تاشلاپ ھالالدىن جان باقىدىغان ئادەم بولساڭ ، بىز سەندىن ئۇ دۇنيا ، بۇ دۇنيا رازى بولاتتۇق . كونىلاردىن ‹‹ تۇز يالايدىغان ئىت قوپاغۇ ئاستىدا ئۆلۈپتۇ ›› دېگەن بىر پاساھەتلىك سۆز قالغان ، مۇشۇ خۇيۇڭنى تاشلىمىساڭ ساڭا زادى ياخشى كۈن يوق ، دېگەنلىرى ئېسىگە كېلىپ ، كۆز چاناقلىرىدا ئىككى تامچە ياش پەيدا بولدى .
2009 – يىلى 3 – ئاي
تەڭرىتاغ تورى، ئەكبەر جاپپار دەردى