
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنى يېپىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 12 – مارت چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق بېيجىڭ ‹‹جىڭشى›› مېھمانسارىيىدا شىنجاڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلدى، خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىلىق، مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى ھەم بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق ياخشى تۇتىدىغان بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى شەرھلىدى.
خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاش ۋەكىللەر كۆڭۈل بۆلگەن قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى، خىرىسقا قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى قانداق ساقلاش مەسىلىسى بارلىق ۋەكىللەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولدى. ۋېن جياباۋ زۇڭلى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتتا بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى%8 ئاشۇرۇش قاتارلىق نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم بۇ نىشانغا يېتىشتىكى پايدىلىق شارائىت ئىلمىي تەھلىل قىلىندى، دۇنياغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بېكىتىلگەن نىشانغا يېتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىلىق، مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ئىپادىلەپ بېرىلدى.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز كۆرۈلىدىغان زور سەھىپە بىلەن سېلىنمىنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتى تولۇق، تەپسىلىي شەرھلەندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، شۇنداقلا ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇھىم نىشانى. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى، تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىقتىسادىي
تەرەققىياتتىكى مەقسەتنى دۆلەت ئىچىگە يەنىمۇ قارىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت، ئاجىز ھالقا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەھەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئىرادە باغلىشىمىز كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ۋەكىللىرىگە ئوخشاشلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تەرەققىيات نىشانلىرىغا يېتىشكە ئىشەنچىسى كامىل.
شىنجاڭنىڭ %9 لىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ
ۋاڭ لېچۈەن ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئوخشاش ئۇچرىغان بولساقمۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىرتقا بېقىنىش دەرىجىسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانائەت ئىقتىسادىدا نېفىت قاتارلىق مۇھىم ئېنېرگىيىنى ئېچىش – پىششىقلاش، سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ قىس بولغان بايلىق تىپىدىكى مەھسۇلاتلىرى، بازىرىمۇ ئاساسەن مەملىكىتىمىزدە، شۇڭا زەربىگە ئۇچراش دەرىجىسىمۇ چەكلىك بولىدۇ. بۇلتۇر بىز تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ خىرىسقا پائال تاقابىل تۇردۇق، خەلق ئىگىلىكىدە سىلىق، مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىش ھالىتى ساقلاندى، %11 لىك ئېشىش سۈرئىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىساد ئۇدا ئالتە يىل ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. بۇ يىل 1 – ، 2 – ئايدا چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى قوشۇلما قىممەتنى يەنىلا %10.6ئاشۇردى (ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى). 3 – ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىش باشلانغان تۈرلەر خېلى كۆپەيدى، 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئاشقان قوشۇلما قىممىتىنىڭ نىسبىتى تېزلا% 20 كە يېتىشى تۇرغان گەپ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا بېكىتىلگەن% 9، ئىككى خانىلىق ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشتە باشلىنىش ياخشى بولدى، ئاساس پۇختا سېلىندى، ۋەزىپىلەرنى تامامەن ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي قوشۇن
ۋاڭ لېچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىككى يىغىن›› جەريانىدا، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ بېيجىڭدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن پائال ئالاقە قىلىپ، كارخانىنىڭ شىنجاڭدا ماكانلاشقاندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈردى ھەم ئاپتونوم رايوندىن ياردەم بېرىش، ھەل قىلىشنى كۈتكەن ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭەشتى. بۇ چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار بەس – بەستە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ماكانلىشىپ پىلان تۈزدۇق ھەم تەييارلىق كۆردۇق، بۇ يىل قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىشلارنى تېز يۈرۈشتۈرۈپ كېتىمىز.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ۋە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى پائال يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچى زور بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى جەلپ قىلدى، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى 80 دىن ئارتۇق چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ شىنجاڭدا ماكانلىشىپ، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ مول نېفىت – تەبىئىي گاز، كۆمۈر، رەڭلىك مېتال، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكى ئۇلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا، يۇقىرىقىلارنى مەبلەغ سېلىش – ئېچىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلدى. ئۇلاردىكى خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك ئىقتىدارى بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدە تولۇق نامايان بولدى. چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار جەزمەن شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدا باش رول ئېلىپ، ئاساسىي قوشۇنغا ئايلىنىدۇ ھەم جەزمەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ ھەم پۈتۈنلەي توغرا. بىز ئۇنى جەزمەن قەتئىي بوشاشماستىن يولغا قويىمىز ۋە يۈكسەلدۈرىمىز.
يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يەنىلا خىزمىتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا. بۇلتۇر، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا بەش يىل ھوسۇل ئېشىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئەمما، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى مىنۇت – سېكونتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەر قانداق ۋاقىتتا سەل قاراشقا بولمايدۇ. شىنجاڭدىمۇ شۇنداق.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: تەدبىر قوللىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئىزچىل ئاشۇرۇشنى كۆپ يوللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خوتەن ۋىلايىتى باغۋەنچىلىك ۋە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشكە تايىنىپ، ئۇدا ئىككى يىل دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا 400 يۈەندىن يۇقىرى كۆپ كىرىم قىلدى، شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەتلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. دېھقان – چارۋىچىلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى
سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون چاغاندىن ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئۆز يېرىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا تەربىيىلەپ، ئۇلارغا ساھەلەر بويىچە ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى، تەربىيىلەش خىراجىتىنى ئاپتونوم رايون مالىيىسىنىڭ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى. تېخنىكا ۋە ماھارەت ئىگىلىگەن دېھقان – چارۋىچىلارنى كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك.
مەكتەپ ياتاقلىرى ۋە جامائەت ئىمارەتلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىش – پۇختىلاش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى
ۋاڭ لېچۈەن خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون شەھەر – يېزا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى ئاۋۋال يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدى، بۇنىڭدىن ھەر مىللەت ئاممىسى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى.
ۋېنچۇەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ياتاقلىرى، دوختۇرخانا، جامائەت سورۇنلىرىدىكى ئىمارەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىدى ۋە بۇلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداشلىقىنى دەلىللىدى ھەم ئىمارەتنىڭ مۇداپىئە ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى 6 بالدىن 8 بالغا ئۆستۈردى، بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قايتىدىن سېلىش ۋە پۇختىلاشقا تېگىشلىك ئىمارەت 27 مىليون كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلارغا 5 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ كېتىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتە يەنە 660 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق Dدەرىجىلىك خەتەرلىك ئىمارەتنى قايتىدىن سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن 2 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى Dدەرىجىلىك خەتەرلىك ئىمارەتلەرنى قايتىدىن سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، دوختۇرخانا ئىمارەتلىرى پۇختىلىنىدۇ. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى Dدەرىجىلىك خەتەرلىك ئىمارەتلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا 3 – ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 10 – ئايدا تاماملىنىدۇ. گەرچە بۇ قۇرۇلۇشلارغا كۆپ مەبلەغ كەتسىمۇ، ھازىرقى ئەڭ جىددىي ھەم مۇھىم ئىش خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايون قەرز ئېلىپ بولسىمۇ، ئۈچ يىلدا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قايتا سېلىش، پۇختىلاش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلدى.
سۇچىلىق قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم تايانچ، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش مەبلىغىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشى. بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىل ئىچىدە كۆپ يىلدىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن بىر تۈركۈم مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش باشلاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، چوڭ تىپتىكى تىزگىنلىنىدىغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك، ھەممىسى قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا سىغىمچانلىقى 20 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان سۇ ئامبىرى سىستېمىسى شەكىللىنىدۇ، شۇ ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر يىللىق يەر ئۈستى سۈيىنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ساقلىنىپ قېلىپ ۋە كونترول قىلىنىپ، ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشىلىپ، سۇ بايلىقىنىڭ ماكان – زاماندىكى تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە مۇھىم سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنى ئۆزگەرتىش، ئېتىزدا سۇ تېجەش قاتارلىق سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ.
ۋاڭ لېچۈەن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز ھازىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون بېكىتىپ بولغان ھەم يولغا قويغان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتىكى بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىمىز. بىزنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، خىرىستىن غالىب كېلىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى سىجىل، سىلىق، مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تامامەن ئىشەنچىمىز، شارائىتىمىز، ئىقتىدارىمىز بار!